ئىچكى كېسەللىكلەر

سوغۇقتىن بولغان يۆتەل

تۇنۇش : سوغۇقتىن بولغان يۆتەل-غەيرى تەبىئىي  بەلغەم ۋە سوغۇقتا قېلىش،  سوغۇق تەبىئەتلىك غىزا ۋە دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرىغا سوغۇق ئۆتكۈزىۋىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىنكىدا سوزۇلما ھالەتتە يۆتۈلۈش، بەلغەم تۈكۈرۈش، يۈز تېرىسى ئاق رەڭدە ياكى كۆككە مايىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت .

سەۋەبى: بۇخىل يۆتەلنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنىڭ سەۋەپلىرىگە ئوخشاش ئامىلاردىن تاشقىرى ئۆزگىرىشى تەسىرىدىن ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ   مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن بەدەن مىجەزى بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە ئۆپكىگە مەنسۇپ ئەزالارنىڭ  مىجەزى سوغۇق ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن .

ئالامىتى: كېسەل كىشىدە قىزىتما بولمايدۇ، بېشى ئېغىرلىشىپ قېيىپ ئاغرىيدۇ، قېقىلىپ يۆتىلىدۇ، دىمىغى پۈتۈپ قالىدۇ، بۇرنىدىن كەلگەن نەرسە قويۇق، رەڭگى ئاق ياكى كۆككە مايىل بولىدۇ، سوغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلسا  سوغۇق تەگسە يۆتەل كۈچىيدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، يۈزىنىڭ رەڭگى ئاق ۋە  كۆكۈشكە مايىل، تىل ئاق، لىۋى ئاقارغان ھالەتتە بولۇپ تومۇرى ئاستا ۋە ئاجىز      سالىدۇ .

داۋالاش پىرىسنسىپى : كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى