
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، جۇڭيى تېبابىتىدە بۇرۇن نەپەسلىنىش يولىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ئىشىك دەپ قارىلىدىكەن . ئىقتىدار جەھەتتىن ئېيتقاندا ، بۇرۇن ھەم نەپەسلىنىش يولىنىڭ كىرىش -چىقىش ئېغىزى ، ھەم كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكروب ، چاڭ – توزان قاتارلىقلار كىرىدىغان 1- مۇداپىئە سېپى بولغاچقا ، قىش پەسلىدە بۇرۇن ساغلاملىقى ، بۇرۇننى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىكەن . ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىللىق پەردىنىڭ ئاجرالما ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ نەملىكىنى ساقلىسا ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن . كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇرۇننىڭ ئىككى يېنىدىكى پەللىنى ئۇۋۇلاشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇرۇننى ئىككى تەرەپتىن ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ئوكسېگىننىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرغىلى ، باكتېرىيەگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پەللىنى بېسىپ ، سائەت ئىستىرېلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قارشى ۋە ئوخشاش يۆنىلىشتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 قېتىم ئايلاندۇرسا بولىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )