خانىم قىزلار

ياز پەسلىدىكى تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

051719140450300010945131

گۈزەللىكنى سۆيۈش ئادەمنىڭ تەبىئىتى، ھەممە ئادەم ئاپئاق، سىلىق تېرىگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەر خىل ئاماللار بىلەن قىممەت باھالىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە ھەر خىل ھۆسن تۈزەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ناچار سودىگەرلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەر خىل كۆپتۈرۈپ، تېرىنى ئاسانلا ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدىغان نەرسىلەرنى ساتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ تېرە ئاسراشنىڭ نۇرغۇن ئەپچىل چارىلىرى بار.

051719141775800010945131

1. تېرىگە سىلىق مۇئامىلە قىلىش
تېرە تازىلىقى يېتەرلىك بولمىغاندا، تېرە تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قېلىپ تېرىگە تەسىر يېتىدۇ، ئەمما زىيادە تازىلىۋەتكەندە تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا تېرىنى سىلىق ئاسراش، ئۇزاق ۋاقىت يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر ئىلمان سۇدا يۈزنى يۇيۇش كېرەك. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يۈزنى سوپۇندا يۇيىدۇ، گەرچە تېرىدىكى ماينى چىقىرىۋەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا مۆتىدىل بولغان يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى تاللىسا بولىدۇ. يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پاكىز لۆڭگە بىلەن سۈرتۈش، ئەگەر تېرە بىر قەدەر قۇرغاق بولسا، يەنە بەدەن مېيى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

051719143179900010945131

2. ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش
بىر يىل تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئۇزۇن مەزگىل سىرتقا چىقىپ تۇرغاندا، تېرە يىرىكلىشىپ، قىزىرىپ ئىششىپ، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىپ، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قورۇق چوڭقۇرلاپ، يوغىناپ، كۆركەملىككە تەسىر يېتىدۇ، يەنە بىر قاتار تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تېرىنى تېخىمۇ سىلىق، ئاپئاق قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مۇۋاپىق بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى تاللاش، مەيلى ئۆي ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن، ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

051719174410700010945131

3. ساغلام ئوزۇقلىنىش
ياخشى تېرە توغرا بولغان ساغلام يېمەكلىكتىن ئايرىلالمايدۇ، تېرىنىڭ سىلىق، ئ‍اق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەش، مايدا پىشۇرۇلغان، قەنت تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، بەدەندە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار يېتەرلىك بولغاندا تېرىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ.

051719180282300010945131

4. بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش
ئۆز-ئۆزىدىكى بېسىمنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش، كەيپىياتنىڭ خۇشاللىقىنى ساقلاش ساغلام تېرىگە ئىگە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ئۇزاق مۇددەت بېسىم زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى تېرە توسۇقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئاستىلىتىپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا پايدىسىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بېسىم زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە، بىئارام بولۇش، خامۇشلۇق قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلار پەيدا بولۇپ، بەدەندىكى ھورمۇنلار قالايمىقانلىشىپ، يۈزدە دانىخورەك ۋە رەڭلىك داغ پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، پىسخىكىلىق ھالەتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

051719144889000010945131

5. تاماكا چەكمەسلىك
ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەندە تېرە ناھايىتى تېز قېرىيدۇ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى ياخشى بولمايدۇ، يەنە دانىخورەك، چاچ چۈشۈش، تەڭگىسىمان كېپەكلىشىش قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تاماكا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددا بولۇپ، تاماكا چەككەندىن كېيىن قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ، تېرىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارى ئازلاپ، تېرە خۇنۈكلىشىپ پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا تېرىنىڭ سىلىق، نۇرلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تاماكا تاشلاش كېرەك.
ھەممە ئادەم ياخشى تېرىگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياخشى بولغان تېرە ئاسراش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. گەرچە تېرىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە گېن بەلگىلىسىمۇ، لېكىن كېيىنكى تىرىشچانلىققا تايىنىپ تېرىنىڭ سىلىق بولۇشىنى ساقلاپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى