يۇقىرى قان بىسم

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قانداق قىلغاندا يازدىن خاتىرجەم ئۆتەلەيدۇ؟

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

051816354788500016973082

ئادەم بەدىنىنىڭ قان بېسىمىدا بەلگىلىك قانۇنىيەتلىك داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ قان بېسىمى تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئادەتتە قىش پەسلىدە قان بېسىمى بىر قەدەر يۇقىرى، ياز پەسلىدە بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، قان تومۇرلار سوغۇقتىن قىسقىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەر ئاز چىقىدۇ، ئەمما قان تومۇردىكى قان سىغىمچانلىقى ئۆزگەرمەيدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ. ياز پەسلى بولسا قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ، قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەر كۆپ چىقىپ كەتكەچكە، قان بېسىمى تۆۋەنرەك بولىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورا ئىچكەندە تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشى ياكى ئازايتىشى، ھەرگىز دورىنى خالىغانچە توختاتماسلىقى كېرەك؛

بىر كۈن يەنى 24 سائەت ئىچىدە قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشىمۇ بەلگىلىك رىتىمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. سەھەردە ئادەم ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ، ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسىمۇ ھاياجانلىنىشقا باشلايدۇ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:10دە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 16:04دە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ئارقىدىنلا ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەپ، كېچىدە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ ھەمدە بەلگىلىك سەۋىيەنى ساقلاپ قالىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر ئادەم بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، ھەر قېتىملىق قان بېسىمنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنىڭ، ھەتتا بەزىدە بىرقەدەر چوڭ پەرقلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى يەنە ئادەمنىڭ كەيپىياتى، ھەرىكىتى، يېمەك-ئىچمىكى قاتارلىق تاشقى مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشچانلىقى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. قان بېسىمنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتىنى تونۇپ يەتكەندە، بىز يالغۇز بىر قېتىملىق قان بېسىمىنى ئۆلچەش نەتىجىسىگە تايىنىپ يەكۈن چىقىرالمايمىز. زۆرۈر تېپىلغاندا 24 سائەت قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

051816355413700016973082

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى زادى قانداق قىلىپ يازدىن خاتىرجەم ئۆتۈشى كېرەك؟

1. قان بېسىمىنى دائىم ئۆلچەپ تۇرۇش

ئەگەر ئائىلىدە يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارى بولسا، ئۇنداقتا تۇرمۇشتا چوقۇم كۆپرەك دىققەت قىلىپ، قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئەسۋابى تەييارلاپ، ئۆزىنىڭ قان بېسىم ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ قان بېسىم ئەھۋالىنى بىر قەدەر ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئۆزىنى كونترول قىلغىلى ياكى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بولىدۇ.

2. تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى

تۇز تەركىبى تۆۋەن، ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش، كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش، سۇنى كۆپ ئىچىش، تاماكا تاشلاپ ھاراققا چەك قويۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئەتىگەندە ياكى كەچتە ھەرىكەت قىلىشنى تاللاش، قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سەمرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش كېرەك.

3. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ئىلمىي تەڭشەش كېرەك.

ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئائىلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەچكە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇپ، ئاسانلا قان بېسىمنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورىنى خالىغانچە توختاتسا، ئوخشاشلا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىگە بولغان چىدامچانلىقى ئوخشاش بولمىغاچقا، دورا ئىشلەتكەندە چوقۇم ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇش كېرەك، باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى بىردەك شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشكە، باشقىلارنىڭ رېتسېپىنى تەتبىقلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ئالدى بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلەتكەندە، 24 سائەت ئىچىدىكى قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، كېچىدىكى قان بېسىمىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە يەككىلەشتۈرۈپ داۋالاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىشنى ئىلمىي تەڭشىشى كېرەك. 24 سائەت قان بېسىمىنى مۇقىم كونترول قىلىش، بولۇپمۇ كېچىدە قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ياز پەسلىدىكى قان بېسىمىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. ياز پەسلىدە قان بېسىمىنى كونترول قىلىش قىش پەسلىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇڭا ياز پەسلىدە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى