
بۆرەك ئۇرۇقلاش
تونۇش:
بۆرەك ئۇرۇقلاش-بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان مايلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەش،ئۇرۇقلاش،ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بۇزۇلىشى ئۇزۇن داۋاملىشش، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بولۇشى، سۈرگە ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن بۆرەكتە ئارتۇق ئىستىپراخ يۈز بېرىپ بۆرەك ياغلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.
ئالامىتى:
مىزاج بۇزۇلغانلىق ئالامەتلەر ئېنىق كۆرۈلىدۇ. يەنى ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان بولسا تومۇرى تېز ئىنچىكە سالىدۇ. سۈيدۈكى قىزغۇچ سېرىق ،پۇراقلىق كېلىدۇ. بۆرەك ئۇدۇلى قىزىق بىلىنىدۇ. كۆپ ئۇسسايدۇ، سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغان بولسا سۈيدۈك مىقدارى كۆپ، رەڭگى ئاق بولۇپ، بۆرەك ئۇدۇلى سوغۇق بىلىنىدۇ. جىنسىي ئالاقە كۆپ بولغانلىقتىن بولسا سۈيدۈك مىقدارى كۆپ رەڭگى ئاق بولۇپ ئاغرىتىپ كېلىدۇ، بەل ئاغرىيدۇ، جىنسىي قابىلىيەت تۆۋەنلەيدۇ. باش ئاغرىيدۇ،كۆز تورلىشىدۇ،چىراي تاتىرىدۇ،بارغانسېرى تېرىلەر قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇنۇتقاقلىق كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى :
ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، سۈت مەنىيكۆپەيتكۈچى، ئومۇمىي بەدەننى سەمىرىتكۈچى،بۆرەكنى سەمىرتىپ كۈچلەندۇرگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )