كۆپىيىش جىنسى ئەزا سېستىمىسى

بۆرەك ئاجىزلىقى توغرىسىدا بەزى سەۋەپلەر

بۆرەك ئاجىزلىقى بەزىدە بىرەر مىزاجنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، بەزىدە بۆرەكنىڭ ئۇرۇقلىغانلىقىدىن، بەزىدە بۆرەك كانالچىلىرى كېڭىيىپ كېتىش، تومۇر ئېغىزلىرى ئېچىلىش، قىيامى بوشاپ كېتىش قاتارلىقلاردىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقى بۆرەككە مەخسۇس بولغان ئاجىزلىقتۇر.
بۇ ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بۆرەك سۇ تەركىبىنى بۆرەككىچە قوشۇلۇپ كەلگەن قان تەركىبىدىن ئايرىشتىن ئاجىز كېلىدىغان ئاجىزلىقتۇر، بەزىدە تومۇرلار ساغلام بولىدۇ، بەزىدە ساغلام بولمايدۇ. بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ سەۋەبى جىمانى كۆپ قىلىش، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ سىيىش، ئاتنى تەدرىجىي مىنىمەي بىراقلا ئۇزۇن ۋاقىت مىنىش ۋە بۆرەككە زىيان يەتكۈزدىغان ھەر قانداق چارچاش، ئۇرۇلۇش قاتارلىقلاردۇر . ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش، ئۇزۇن سەپەر قىلىش، بولۇپمۇ پىيادە ئۇزۇن سەپەر قىلىش بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇردىغان سەۋەبلەر قاتارىدىندۇر.
ئالامىتى: مىزج سەۋەبىدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقىغا مىزاجىنىڭ ئالامەتلىرى دالالەت قىلىدۇ. بۆرەك ئۇرۇقلاش سەۋەبىدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقنى بۆرەك ئۇرۇقلاش ئالامەتلىرى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. كانالچىلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، بۆرەك گۆشىنىڭ بوشاپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقدا ئاغرىق ئارىلاپ كۆرۈلىدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تاماق ھەزىم بولۇش ۋە تومۇرلاغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن سۈيدۈكى قويۇق بولىدۇ. ئەمما يېمەكلىك تومۇرلارغا يېتىپ بارسا، كۆپۈنىچە ئەھۋاللاردا قان ۋە قويۇق ھۆللۈكلەر كۆپ چىقىدۇ. سۈيدۈكى كۆپۈنچە گۆش يۇغان سۇدەك بولىدۇ، چۈنكى بۆرەك ئۆزىگە ئېقىپ كەلگەن نەرسىلەردىن ئۇزۇقلىنالمايدۇ ۋە قويۇقىنى سۇيۇقىدىن ئايرىيالمايدۇ. كۆپۈنىچە ھاللاردا قانلىق چۆكمە ھاسىل بولۇپ، سۈيدۈك ئۈستىدە دېڭىز كۆپىكىگە ئوخشاش بىر نەرسە لەيلەيدۇ. بۇ ئەھۋاللار تومۇر ساغلام بولغان ۋاقىتتا بولىدۇ. ئەگەر تومۇر ساغلام بولمىسا ھېچ نەرسىنى ئايرىيالمايدۇ ھەم سۈيدۈك پىشىش ئاجىز بولغانلىقىتىن، ئۆز ھالدا قېپقالىدۇ. ھەر قانداق سەۋەبدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئۇرۇقلاشقا سۈيدۈك ئازىيىش، جىما قىلالماسلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كېلىدۇ. داۋالاش: مىزاجدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقىدا مىزاجنى داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە مىزاجنى ئۆزگەرتىپ، ماددىلىق بولسا ماددىنى تازىلاپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۆرەكنىڭ ئۇرۇقلىشىدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقى بۆرەك ئۇرۇقلاشنى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىنىدۇ. بۆرەك كانالچىلىرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن بولغان بۆرەك ئاجىزلىقى(بۇ ھەقىقىي بۆرەك ئاجىزلىقىدۇر) دا كانالچىلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىش سەۋەبلىرىنى توسۇش ۋە كانالچىلارنى تارايتىش ھەم قۇۋۋەتلەشنى مەقسەت قىلىش كېرەك. كانالچىلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىش سەۋەبلىرىنى توسۇش تەدبىرلىرى ھەرىكەت قىلماسلىق، مۇنچىغا كۆپ چۈشمەسلىك، كۆپ ئارام ئېلىش، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلاردۇر. كانالچىلارنىڭ ئېغىزىنى تارايتىش چاپلاشقاق، قورىغۇچى، سىلىقلاشتۇرغۇچى غىزالار بىلەن بولىدۇ. غىزالاردىن تالقان ، شېكەر قومۇشى، ياۋا ئالما، بېھىى، ئۆچكە يېغى قوشۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم ئۇرۇقى بىلەن تەييارلانغان ئانار تەركىبلىك غىزا ، مەسۇس ناملىق غىزا ۋە ئانار ئۇرۇقى،چۈچۈمەل، ئاچچىق ئۇسارىلەر، سىركە قاتارلىقلارغا يۇمغاقسۈت قوشۇپ تەييارلانغا قەرىس ناملىق غىزالار باردۇر. شەربەتلەردىن چۈچۈمەل قۇرۇق ئۈزۈم شىرنىسى بار. دورىلاردىن گىل ئەرمىنى ۋە ئەرەب يېلىمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىغان تۇتقۇچى ئۇسارىلەر ۋە تالقان، شېكەر قومۇشى، بېھى، قىزىلگۈل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دورىلادىن تەييارلىنىدىغان زىماتلار، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقدا سۆزلەنگەن مەلھەملەر باردۇر. بۆرەكنى قۇۋەتلگۈچى دورىلار بۆرەك سەمرۈتكۈچى غىزالار، ھۆقىنىلەر ۋە مەجۇناتلاردۇر. بۇ ھۆقنىلەرگە تۇتقۇچى دورىلارنى كۆپەيتىپ، شېكەر قومۇشى ۋە بېھى قاتارلىقلارنى قوشماي، تۆگە سۈتى ۋە قوي سۈتى قوشۇش لازىم. چۈنكى بۇ سۈتلەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يىغىدۇ ۋە بۆرەكنىڭ ئېغىزىنى تارايىتىدۇ. قوي سۈتى بۆرەك ئاجىزلقىدىن بولغان بۆرەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا گىل ئەرمىنىگە ئوخشاش دورىلار ئارىلاشتۇرۇلسا تېخىمۇ شۇنداق، ھايۋاناتلار بۆرىكنى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن يېيىش ۋە بۆرەككە مەنپەئەت قىلىدىغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى