پەرزەنىت تەربىيسى

بالا تەربىيلەشتە ئاتا-ئانىلاركۆپ ئۇچرايدىغان13مەسلە

بالا تەربىيەسىدىكى” 13 قانداق قىلىش كېرەك”

ئائىلە بالىلار ھاياتىنىڭ بۆشۈكى، ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن تەربىيە ئالىدىغان تۇنجى سورۇن، يەنى كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇنجى دەرسخانىسى؛ ئائىلە باشلىقى بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، يەنى مەرىپەت ئۇستازى.

ئائىلە تەربىيىسىدىكى” 13 قانداق قىلىش كېرەك؟ “

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، بالىلار بەزىدە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ، يەنە بەزىدە بالىلار يالغان سۆزلەيدۇ… بۇنداق مەسىلىگە قارىتا ئاتا-ئانىلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا بالىلارنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشى بالىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك.

مەسىلەن، بالا ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن چاغدا، دائىم نەرسە كېرەكلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇۇ، ئادەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى بولسا دەرھال مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىش.

ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بالىلاردا ئىشقىلىپ ئاتا-ئانام بار، نەرسىللىرىمنى ئۇنتۇپ قالساممۇ ھېچقىسى يوق دەيدىغان قاراش پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە پايدىسىز بولىدۇ.

01

مۇنەۋۋەر بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئائىلە باشلىقلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئائىلە باشلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بىزگە ئۆرنەك بولالايدۇ. گەرچە ئانىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما، ئۇ توغرا بولغان ئوقۇتۇش پوزىتسىيەسى ۋە ئۇسۇلىغا تايىنىپ، بىر ئوقۇتقۇچى ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىدىيۋى ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.

مەيلى ئوقۇتقۇچى بالىنى نىملا دەپ ئەيىپلىسۇن بىراق ئانا بالسىغا توختىماي ئىلھام بىرىدۇ، شۇنداق قىلىپ، بالا ئاپىسىنىڭ قايتا ـ قايتا ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئاستا ـ ئاستا ئىلگىرىلەپ، سىنىپتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەلاچى ئوقغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ.

شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى، باشقىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ياخشى ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشى كېرەك.

02

بالىنىڭ ئەتىگەندە ئويغانغاندىكى روھىي ھالىتى ياخشى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالا ئەمدىلا ئويغانغان بىر مىنۇت بالىنىڭ بىر كۈندىكى كەيپىياتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئويغانغاندا بىرىنچى بولۇپ يىغلايدىغانلىقىنى، بالا يىغلىسا سەۋر قىلالمايدىغانلىقىمنى ئىنكاس قىلدى، نەتىجىدە بۇ خىل يامان ئىللەت بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى.

بالا ئەمدىلا ئويغىنىپ ئۆرۈلگەندە، دادىسى ياكى ئاپىسى بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بالىنى ئاستا ئويغىتىش ياكى سىلاپ قويۇش كېرەك، بالا ئەمدىلا كۆزىنى ئاچقان چاغدا، قولى بىلەن بالىنى بوش ئەركىلتىش، بالا بىلەن قىزىقارلىق بىر مەسىلىنى سۆزلىشىش كېرەك، ئومۇمەن، ئامال قىلىپ بالىنى خۇشال قىلىش كېرەك.

03

بالا يىقىلىپ چۈشسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇ بالىلارغا باتۇرلۇقنى ئۆگىتىدىغان ھالقىلىق پەيت.

بالا ئەمدىلا يول مېڭىشنى ئۆگەنگەن چاغدا، بالىنىڭ قەيسەر روھىنى يېتىلدۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇسۇلى بولسا، بالا ئەمدىلا يول مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بالا يىقىلىپ كېتىپ ئۆزى ئورنىدىن تۇرىدۇ. ھەمدە بالىنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىگە ھەيران قالماسلىق كېرەك، ئەگەر سىز بالىنىڭ يىقىلىپ كەتكىنىدىن ئەنسىرەپ، بالىدىنمۇ بەك قورقۇپ كەتسىڭىز، بالىنى قورقۇتۇپ يىغلىتىۋېتىسىز.

بالا يىقىلىپ كەتكەندە، كۈلۈپ تۇرۇپ بالىغا: سىز بەك قالتىس، ئۆزىڭىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. گەرچە بالا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىمۇ، ئەمما سىزنىڭ روھىي قىياپىتىڭىزدىن بالا بۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ، سىزنىڭ كۈلكىڭىزنى كۆرۈپ، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ.

 

04

بالا تۇنجى قېتىم ئادەم تىللىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇ بالىلارغا ئەدەپلىك بولۇشنى ئۆگىتىدىغان ھالقىلىق پەيىت.

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلىرىمىز ئەمدىلا گەپ قىلالايدىغان بالىلىرىنىڭ ئادەم تىللايدىغان گەپلەرنى قىلالىغانلىقىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ، ئۇنداقتا بالىلىرىنى قانداق باشقۇرۇشى كېرەك؟ بالا ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتەلمەيدۇ، ئۇ خاتا ھالدا ئائىلە باشلىقىنىڭ تەبەسسۇمى ئۇنىڭ قىلمىشىغا بېرىلگەن مۇكاپات، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ ئىختىيارسىز سەت گەپلەرنى تاشلىۋىتەلمەيدۇ.

بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارغا بۇنىڭ سەت گەپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن بۇنداق گەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، سىز بىلەن دوست بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى كېرەك.

05

بالىلار ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن بولسا، ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

بالىلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بالىلارغا مەكتەپكە بارغاندا قانداق قىلىش، دەرس ئۆتكەندە قانداق قىلىشنى، مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقنى قانداق ئىشلەشنى، مۇئەللىم دەرس سۆزلىگەندە قانداق قىلىشنى، كىچىك دوستلار بىلەن ئوينىغاندا قانداق قىلىشنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.

بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئاز تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئاددىي ھالدا قائىدە سۆزلەش ئەمەس، بالىلارغا تىرىشىپ ئۆگىنىش جەھەتتىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش كېرەك، سۆزلىگەندە ئاتا-ئانىلار چىرايىدا ھۇزۇر كۈلكىسى پەيدا قىلىپ، بالىلارغا ياخشى ئۆگىنىشنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

06

بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى كۆپ ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئائىلە باشلىقلىرى مۇئەللىمگە تۇتقان پوزىتسىيىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

بۇنداق ئاتا-ئانىلارنى ئۇچراتتۇق، بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى بەك يېرىم بولدۇ، بالىلارغا ئىچى ئاغرىپ بالىلار ئورنىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ بىرىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ئۆگىنىشنىڭ جاپالىق ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، شۇڭا، كېيىن ئۇ بىر ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئاستا-ئاستا تاپشۇرۇق ئىشلەش بىر خىل يۈك بولۇپ قالدى.

ئەڭ ياخشى ئامال، بالىنى ئۆزى ئىشلەپ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بالىغا ھەمراھ بولۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش. بالىغا ھەقىقىي ئىچى ئاغرىغان تەقدىردىمۇ، بالىنىڭ ئالدىدا تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىككە سەۋەب تېپىپ بەرمەسلىك، ئوقۇتقۇچىنى ئەيىپلىمەسلىك.

07

بالىلار باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئائىلىدە ئۈچ جانلىق ئائىلە بولىدۇ، ئەگەر ھەمكارلىق روھى كەمچىل بولسا، ھەر كىم ئۆز يولىغا ماڭىدۇ.

بىر ئادەم پۈتكۈل ھاياتىدا ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ؛ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ؛ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.

 

08

بالىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىقتىدارغا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار: ئۆگىنىش ئادىتى ياخشى بولسا، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئورۇنلىيالايدۇ، ھەتتا ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىيالايدۇ.

سىز پەقەت بالىڭىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئەھمىيەت بەرسىڭىزلا، ئۇ بالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ياردەم قىلغىنىڭىز بولىدۇ. ئويلاپ باقايلى، دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلايدىغان، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تۈگەتكەن بالىنىڭ نەتىجىسى ناچار بولامدۇ؟

بالىنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس دەپ بالىنى ئەيىپلىمەستىن بەلكى ئۆزىنىڭ بالىغا بولغان تەربىيە ئۇسۇلى جەھەتتىن سەۋەپ ئىزدىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بالىلاردا ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

09

بالىلار تاماقنى ياخشى يېمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشىنى كونترول قىلىش كېرەك.

دائىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قوغلاپ تاماق يېگۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، دائىم نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ياخشى بولغان تاماق مۇھىتى يارىتىپ، بالىلارغا تاماق يېيىشنىڭ خۇشاللىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاتا-ئانىلار ھەرگىز بالىنىڭ ئالدىدا تاماقنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا باھا بەرمەسلىكى، تاماق ھەقىقەتەن يېيىشلىك بولمىسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ئېيتماسلىق كېرەك.

10

بالىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىنىڭ ناچار قىلمىشىنى مۇجمەللىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىك ياكى ھەددىدىن زىيادە ئىنكار قىلماسلىق كېرەك.

بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا: بالامنىڭ مىجەزى بەك ئەسكى، ھەمىشە ئۇنىڭغا يول قويىمەن دېگىنىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.

ئېنىقكى، سىز بىر كىچىك زومىگەر، يولسىز بىر كىچىك پادىشاھنى يېتىشتۈرۈپ چىقتىڭىز، بۇنداق بالىلار جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ھامان، ئاجىزلىقى گەۋدىلىنىدۇ ھەمدە جەمئىيەت بىلەن سىغىشالمايدۇ.

بالىلارنىڭ خاتا يولدا ئازراق مېڭىشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىغا ئۆزىنىڭ ھەرقانداق قىلمىشى ئۈچۈن مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، ئوخشاش بولمىغان ھەرىكىتى ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

11

بالا تۇنجى قېتىم يالغان گەپ قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

دەرھال ئاشكارىلاپ قويماسلىق، تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يالغان سۆزلىگەن بالا دائىم بىرىنچى قېتىم يالغان سۆزلىگەن چاغدا ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەچكە، كېيىن ئاتا-ئانىسى پەرۋا قىلماي، بىر نەچچە قېتىم سۆزلىگەندىن كېيىن ناھايىتى تەستە ئۆزگىرىدۇ. ئۇلار ھەر قېتىم مەلۇم مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ، بەزىسى تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك ئۈچۈن، بەزىسى خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ جازالىنىشتىن قورقىدۇ، بەزىسى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزىسى مەلۇم نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ.

بۇنداق ئىشقا دەرھال بالىنى پاش قىلماي، باشقا بىر خىل تاكتىكا قوللىنىپ، بالىغا يالغان گەپ قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئەگەر بالا تۇنجى قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەندە قاتتىق جازالانسا، ئۇ ئىككىنچى قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەندە تېخىمۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن سىزگە بىلدۈرمەيدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ يالغان سۆزلىگىنىنى بىلگەندە چوقۇم سوغۇققان بولۇش، ھەم بالىغا خاتالىقىنى تونۇتۇش كېرەك.

12

بالىلار كاللا ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئائىلە باشلىقلىرى ئاڭلىق ھالدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىلارنىڭ ئۆزى ھەل قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك.

ئەگەر بالىلار قانداق كاللا ئىشلىتىشنى خالىمسا ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار ئاڭلىق ھالدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىلارغا ئۆزى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىپ قويۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلار ئاستا-ئاستا كاللا ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

13

بالىلار مەغرۇرلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارنى زىيادە ماختىۋەتمەسلىك كېرەك

بالىنى خالىغانچە ماختىماڭ، پەقەت ئەجىر سىڭدۈرگەندىلا، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغىنى پەخىرلىنىدىغان ياكى پەخىرلىنىدىغان دەسمايە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ.

بىز بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت چوڭ سەۋەبنى يەكۈنلەيمىز: بىرىنچى، بالىلارنىڭ بەدىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىققىتىنى يىغالماسلىق، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنمەسلىك قاتارلىقلار، ئىككىنچى، ئاتا-ئانىلارنىڭ كوتۇلداش، تەشۋىش ۋە خاتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى، ئۈچىنچى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتى، تۆتىنچى، ئائىلە ئورۇنلاشتۇرۇشى. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا بۇ تۆت چوڭ جەھەتتىن تەڭشەپ ياخشىلىغاندىلا، ئاندىن كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى