
سەۋەبى:ئھتىلام بولۇش نورمال ئەھۋال،ئەمما ئۇنىڭ بىرلىك قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەيرى تەبىئىي ئۆزگەرگەن خىلىتلارنىڭ جىنسى ئەزالارغا تەكرار تەسىر قىلىپ غىدىقلىشدىن پەيدا بولىدۇ. ئالامىتى:ھەر ئىككى-ئۈچ كۇندەبىر قېتىم،بەزى چاغلاردا كۇندەبىر قېتىم،ئېغىربولغانلىرىدا كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم ئېھتىلام بۇلۇش يۇز بىرىدۇ.كېسەل ئۇخلاشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.سىيگەندە سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كېلىدۇ.بىماردا سۇسلۇق ۋەئاجىزلىق بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.ئۇيقۇسى كۆپ بولۇپ قالىدۇ.ئېغىر بولغاندائۇرۇقدان ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.بىمارنىڭ بېلى ئاغرىيدۇ. ھۇرۇنلىشىپ قالىدۇ.خىيالىى چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ.ناھايىتى خىجىلچان بولۇپ قالىدۇ. داۋالاش:ئالدى بىلەن خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ كېسەللىك ماددىلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىپ تاشلىغاندىن كىيىن خام ۋە پىششىق دورىلار بېرىلىدۇ. خام دورىلار:ئاق مەۋسەلنى تالقانلاپ،كۈندە 3 قېتىم 7-9 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
1-: قىزىل بەھمەن 15گىرام،ئاق بەھمەن 15گىرام،ئىسپىغۇل 5گىرام ئەرەب يېلىمى 4گىرام،تەمرى ھىندى ئۇرۇقى مېغىزى15 گىرام،سۆلەپ مىسىرى 15 گىرام، ناۋات 100 گىرام ئېلىپ، ناۋاتنى ئېرىتىپ قىيام قىلىپ،قىيام سوۋۇغاندىن كىيىن دورىلارنىڭ تالقىننى سېلىپ كۈندە 2 قېتىم 7 گىرامدىن، ئىستېمال قىلىنىدۇ. پىششىق دورىلار: جاۋارىش كۇندۇر،داۋائىلمىشكى،ھەببى ئازاراقى، ماددەتۇل ھايات قاتارلىقلار تاللاپ بىرلىدۇ. پەرۋىش: بىمارنى تىنچ ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش،بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن لازا-ئاچچىقسۇ ،ھاراق-تاماكا، كالا گۆشى، مانتا،خوشاڭ قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.ئوزۇقلۇقىغا قۇۋۋەتلىك غىزالارنى بېرىش لازىم.
‹‹مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇرتىبابىتدە داۋالاش››دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2021: دىيابېت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش(0 باھا بار )
- 2021: ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش(0 باھا بار )
- 2021: مېۋىلەرنى پوستى بىلەن يېيىش توغرىمۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: بۇرۇنقى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھازىر يەنە يېگىلى بولامدۇ؟(0 باھا بار )
- 2021: ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مېۋىلەرنى بىلىۋېلىڭ(0 باھا بار )