پەرزەنىت تەربىيسى

ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر

بۇ مەزگىلدە بالىغا كىتبۇ مەزگىلدە بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بالىنىڭ تەپەككۇر قىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بالا ھېكايىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىغا تېخىمۇ قىزىقىدىغان ۋە كىرىشىپ كېتىدىغان بولىدۇ، ھەمدە كىتابتىكى رەسىملەرنى چۈشىنىدىغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قاپىيىداش سۆز ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى يادلىۋالىدىغان بولىدۇ. بالىڭىز 3 ياشقا توشقان ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئېلىپ بارىدىغان يېڭىلىقلارنى بايقاش جەريانىدىن ۋاقىتلىق ئارام ئېلىپ، سىز بىلەن بىللە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ھەمدە بالىڭىزغا بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئىشى بىر خىل ھۇزۇرلىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ، بۇ ئىش سىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ

2. ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر

بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، بالىلارنىڭ ئېلىپبە ھەرپلىرى ھەققىدىكى بىلىملىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ياشلىق بالىڭىزنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەرپلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئېلېمېنتتىن ئىبارەتتۇر

(1) ئاكتىپلىق بىلەن ئاڭلاش

بالىڭىز رەسىم ۋە ھەرپلەرگە خېلىلا قىزىقىدىغان بولغاندا، سىز بالىڭىزنى بۇ ئىشلاردىن توسماي، ئۇنىڭ بىر ھېكايە ئېيتقۇچى بولۇشىغا يول قويۇڭ. شۇنداقلا سىز بالىڭىزنىڭ بىر ئاكتىپ ئاڭلىغۇچىسى بولۇپ بېرىڭ. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش بىلەن بىللە توختىماي ئۇنىڭدىن سوئال سوراپ، قىزىقارلىق جايلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كىتابتىكى ۋەقەلىكلەرگە ھەر خىل قىلىقلار بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇڭ. بالىڭىزنىڭ ھېكايە ئېيتقۇچى ۋە سىزنىڭ ھېكايە ئاڭلىغۇچى بولۇشىڭىز، ھەمدە بالىڭىزنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشىڭىز بىلەن، بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئاخىرىدا ئۇ سىز دېمىسىڭىزمۇ ئۆزلۈكىدىن كىتاب ئوقۇشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار قاتارىدا قىلىدىغان بولىدۇ

(2) ئەمەلىي ئىشلارنى چۈشەندۈرىدىغان رەسىملىك كىتابلار

ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالىڭىز ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. قولىنى ئۆزى يۇيۇش، مۇنچا سۈيىنى ئۆزى ئېچىش، چېچىنى ئۆزى تاراش، كىيىمىنى ئۆزى تاللاش ۋە ئۆزى كىيىش قاتارلىق كىشىلەر ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلارغا ئىنتايىن قىزىقىشقا باشلايدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە بالىڭىزغا ئاشۇنداق ئىشلارنى ئۆگىتىدىغان رەسىملىك كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىش قابىلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىڭ

(3) بىر كىتابنى تەكرارلاپ ئوقۇش

ئىككى ياشلىق بالا ئوخشاش بىر ئىشنى قايتىلاپ قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بالىڭىز ئوخشاش ئىككى-ئۈچ كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشتا چىڭ تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەيران قالماڭ. بالىڭىزنى باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا زورلىماي، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا يول قويۇڭ. گەرچە سىز ئوخشاش كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالىدىغان بولسىڭىزمۇ، بالىڭىز ئۈچۈن ئىش ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. گەرچە بالىڭىز بىر ھېكايىنى بۇرۇن 20 قېتىم ئاڭلاپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنى ھەر قېتىم قايتىلاپ ئوقۇغىنىدا ئۇنىڭدا يەنە يېڭى ۋە ھاياجانلىنارلىق نەرسىلەرنى بايقايدۇ. ھەمدە بالىڭىز ئۇزۇن ئۆتمەي ھېكايىدىكى قاپىيىلىك سۆزلەر ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى ئەستە قالدۇرۇپ، كىتابنى سىز بىلەن بىللە ئوقۇشقا باشلايدۇ. بۇ يېڭىدىن باشلانغان ساۋات چىقىرىش ھەمدە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىش جەريانىدۇر

(4) پاسسىپ ئاڭلىغۇچى

بەزىدە سىزنىڭ ئىككى ياشلىق بالىڭىز سىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان كىتابقا قۇلاق سالمايۋاتقاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىتابتىكى مەزمۇننى سىز ئويلىغاندىن جىق ياخشى قوبۇل قىلىۋاتقان بولىدۇ. نۇرغۇن بالىلار ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان كىتابنى باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى ياخشىراق قوبۇل قىلالايدۇ. ئەگەر بالىڭىز بىر قېتىملىق كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدا كىتابقا زېھنىنى يىغالمىسا، ئۇنىڭغا بىر بوياق بىلەن بىر پارچە قەغەز بېرىپ، سىز كىتاب ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا رەسىم بويىتىڭ. شۇ چاغدا سىز ئۇنىڭ كىتابقا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ، كىتابتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە سوئال سوراۋاتقانلىقىنى بايقايسىز

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى