بىلىۋىلىڭ

ناشـتـىلىق

كۆپىنچە ھاللاردا خەيرىلىك باشلانغان بىر ئىشنىڭ ئاخىرى ياخشى بولغىنىدەك بىر كۈنلۈك ھايات پائالىيىتىمىز ئۈچۈن ناشتىلىق ئىنتايىن مۇھىم. مېڭىگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەر ئاساسلىقى قاندىكى قەنتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ. مېڭىگە زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە كەچتە ئۇخلاش جەريانىدا كۆپلەپ خورىغانلىقتىن سەھەردە ئويغانغاندا قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناشتىلىق قۇۋۋەتلىك، سۈپەتلىك قىلىنغاندا چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىيالايدۇ. ناشتا قىلمايلا ئالدىراپ ئۆيدىن چىققاندا قاندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ-قان قەنتى تۆۋەن بولۇپ مېڭىگە كېرەكلىك ئېنىرگىيەنى تولۇقلاپ بېرەلمەي ئاسانلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئىزلەڭگۈلۈك، روھسىزلىق، چارچاش پەيدا بولۇپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ئەھۋالدا چۈشلۈك تاماقنى كۆپ يەۋېلىپ ئون نەچچە سائەت بىكار تۇرغان ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئۈچەي يېمەكلىك تەركىبىدىن ئۆزىگە جىددىي كېرەكلىك بولغان قەنت تەركىبىنى ئايرىشتىن باشقا يېمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ھەزىم قىلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن بۇنى تېزلا بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي ئاسانلا ياغ كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ئاشقازان ئىچىنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى چەكلىنىپ بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان، ئۆت، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. داۋاملىق ناشتا قىلماي يۈرىدىغان كىشىلەردە بولىدىغان ئورتاق كېسەللىكلەر ئاساسەن ئاشقازان-ئۆت، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، قان ئازلىق، يۈرەك مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ۋە باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان كېسەللىكلەردۇر. سىلى ئېيتقان ئالامەتلەر ئاساسەن ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىك، ياكى مىزاجغا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنالماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆت كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىگە قارىتا ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە ئۇزۇن مۇددەت ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆت تېشى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قورساق تۇرغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى تەركىبلەردە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ ئۆت كىسلاتاسى ئازىيىپ كېتىدۇ، خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى خولىستېرىنلىق ئۆت سۇيۇقلۇقى پەيدا بولىدۇ. خولېستېرىننىڭ مىقدارى يۇقىرىلاپ ئاخىرىدا قاتتىقلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.

ناشتىلىق ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايەت بار ئىكەن: جاھانغا مەشھۇر نامى پۇر كەتكەن تېۋىپ لوقمان ھەزرەتلىرىنىڭ كۈيئوغلى ناھايىتى ساغلام كىشى بولۇپ بىرەر قېتىممۇ لوقمان ھەكىمگە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن لوقمان ھەكىم قىزىدىن سوراپتۇ: – ئېرىڭ كېسەل كۆرسەتكىلى بىرەر قېتىممۇ ئالدىمغا كېلىپ باقمىدى، ئۇ تەن ساقلىقىنى ئاسراشتا ئۆزىگە قانداق سەۋەب قىلىدۇ؟ – ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا بىر بۇردا نان بىلەن ناشتا قىلماي تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. – بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئەتىگەندە ئېرىڭنى ناشتا قىلدۇرمىغىن، قانداق قىلىدۇ كۆرۈپ باقايلى، – دەپتۇ لوقمان ھەكىم.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى