شىپالىق رېتسىپلار

ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى

ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى
ھەسەلنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرى ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان تەبىئىي ھەسەل كۆنەكتە پىشىپ ۋايىغا يەتسە دورىلىق ۋە ئوزۇقلۇق ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەت مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ:

1. ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قۇۋۋەت ساقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇقى بولۇپ جىگەر،تالنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ .

2. قاننى ساپلاشتۇرۇپ يۈرەك، مېڭىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ قاننى جانلاشدۇرۇش ئارقىلىق يۈرەك ،مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ۋە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، زېھنىي قۇۋۋىتى چېكىنىپ ئۇنتىغاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرگە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ .

3. سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاش-جۈملىدىن بۆرەك، پەي-مۇسكۇللار ھەم مېڭىنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەنى تېز كېتىش، سۈيدۈك تامچىلاش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلىقى بولۇپ ھەر خىل سەۋەبلەردىن بولغان ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كۆرۈنەرلىك تەڭشەيدۇ .

4. ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالما خىزمىتىنى ياخشىلاپ تۇخۇمدان، بالىياتقۇنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ،ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ،ئادەت قالايمىقان بولۇش، روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، يۈرەك-مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، كەم ماغدۇرلۇق، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.

5.ئۆپكە توبېركىلىيۇز ، زىققە، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىكى دەم سىقىلىش، يۆتەل، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلاردا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بەلغەمنى تازىلاپ ئەزالار خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى