ئانا-بالا

يېڭى ئانا بولغۇچىلارغا: بالىنى ئېمىتىش ھەققىدە

 

بىر بالىنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلىش ئاددىي ئىش ئەمەس. ئانا بولغۇچىلار بەلگىلىك بېقىش ماھارىتىنى ئىگىلىشى، شۇنداقلا بالىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق بېقىش ئۇسۇلىنى تاللىشى كېرەك. تۆۋەندە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تونۇشتۇرىمىز. يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

063016094410600000017008-1

1. بالىنى ئىمكانقەدەر ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك.

ھازىر بەزىلەر سۈتى يوق ياكى ئاز بولۇش، ۋە ياكى بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالىسىنى سۈت پاراشوكى بىلەن باقماقتا. بالىغا نىسبەتەن ئانا سۈتى ئەڭ ئاسان ھەزىم بولىدۇ. سۈت پاراشوكى بىلەن بالا باققاندا ئىچ سۈرۈش، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بار. ئانا سۈتى بولمىغان ياكى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا ئاندىن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

2. بالىنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئېمىتىش كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان سىغىمچانلىقى بىر قەدەر كىچىك، ئۈچەي يولىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ بىر قەدەر ناچار بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقلارنى ھەددىدىن زىيادە تويۇندۇرۇپ باققاندا قۇسۇش ياكى ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

063016100128400000017008-1

3. ئانىلار ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي، بوۋاقلار قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئالتە ئايغا بارغاندا بىر قىسىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن چوقۇم يەنىلا «ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم بېرىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، بولمىسا بالىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

بالىنىڭ بەدىنىنىڭ تۈرلۈك يېتىلىش ئىقتىدارى مۇكەممەل ئەمەس، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا چوقۇم سۈت بوتۇلكىسى ۋە ئېمىزگۈنى پاكىز تۇتۇش، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئانىلار ئىشلەتكەن سۈت سېغىش ماشىنىسىنىمۇ ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇش كېرەك.

063016100742700000017008-1

ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1. بالدۇر ئېمىتىش: ئامال بار تۇغۇتتىن كېيىنكى 30 مىنۇت ئىچىدە بالىنى ئېمىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ ئېمىش ئادىتىنى بالدۇر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بالدۇر سۈت كىرىشكىمۇ پايدىلىق.

2. ئانا سۈتىنىڭ يېتىشكەن، يېتىشمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش: ئانا سۈتى يېتىشمىگەندە بوۋاقنىڭ سۈتنى يۇتقاندىكى ئاۋازى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ، بوۋاقلاردا يىغلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

3. بىر تەرەپتىن ئېمىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇخلاتماسلىقى كېرەك: بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا تۇنجۇقۇش، قۇسۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بوۋاقلارنىڭ چىش مىلىكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

4. كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش: ئانا كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش كېرەك، ئانىنىڭ كەيپىياتى مەلۇم دەرىجىدە سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ۋە سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئوزۇقى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بوۋاققا ئانىنىڭ كۈچلۈك ئانىلىق مېھرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ!


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى