ساغلاملىق بىلىملىرى

ئەنجۈر بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدىكەن

ئەنجۈر ۋە ئەنجۈر يوپۇرمىقىنىڭ بوۋاسىرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار بولۇپ، بوۋاسىر بىمارلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ زەھەر ياندۇرۇپ، ئىششىق ۋە ئاغرىقنى توختىتىش رولى بار.تېببىي قامۇسلاردا خاتىرلىنىشچە، ئەنجۈرنىڭ تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئۈچەي ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار ئىكەن، ئاشقازاننىڭ ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى، بولۇپمۇ ھۆل ئىسسىقتىن بولغان قەۋزىيەتنى داۋالايدىكەن. چۈنكى بوۋاسىر ھۆل ئىسسىق پەيدا قىلغان مەقئەت كېسەللىكى بولۇپ، قەۋزىيەت بولغاندا قوزغىلىدۇ.كونكرېت ئۇسۇلى: پىشقان ئەنجۈردىن تۆتتىن ئالتىگىچە تەييارلاپ پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ قازانغا سالىمىز، ئۈستىگە 20 گىرام قەنت ۋە 1000 مىللىلىتىر سۇ قوشىمىز. شۇ قاينىغاندىن كېيىن، سۇس ئوتتا يەنە 15 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن ئىچسەكلا بولىدۇ. يەتتە كۈندىن 10 كۈنگىچە بىر داۋالاش باسقۇچى بولۇپ، ھەر يىلى بىر باسقۇچ داۋاملاشتۇرغاندا بوۋاسىر قايتا قوزغالمايدۇ.

 

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى