ساغلاملىق بىلىملىرى

ئارقىچىلاپ مېڭىشنىڭ سىز بىلمەيدىغان ئاجايىپ پايدىلىق رولى

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئارقىچىلاپ مېڭىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تارقىلىپ كېلىۋاتقان بىر خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش شەكلى بولۇپ، قول بىلەن تىكلىنىش، ئۆمىلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن بىللە «نورمال ھالەتكە قارشى ھەرىكەت» دەپ ئاتالغان، مېدىتسىنادا «نورمال ھالەتكە قارشى داۋالاش ئۇسۇلى» دەپ ئاتالغان.

ئارقىچىلاپ مېڭىشنى ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدۇ، شۇڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇنداقتا ئارقىچىلاپ مېڭىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ قانداق ئارقىچىلاپ ماڭسا توغرا بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ خىل ئالاھىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

ئارقىچىلاپ مېڭىشنىڭ پايدىسى

ئارقىچىلاپ مېڭىش ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتكە تەۋە بولۇپ، نورمال ئالدىغا مېڭىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەدەنگە ئالاھىدە پايدىسى بار.

1. بەل مۇسكۇلى زەخىملىنىشنى ياخشىلاش

ئادەم ئالدىغا ماڭغاندا ئېغىرلىق مەركىزى سەل ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، داس سۆڭىكى ئالدىغا قىيسايغان بولىدۇ، بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسى، بەل مۇسكۇلى، ئوشۇق تىز بوغۇمى بىرقەدەر جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت مۇنداق ماڭغاندا ئادەمدە ئاستا-ئاستا بىر قىسىم ئادەت خاراكتېرلىك ئاستا خاراكتېرلىك زورۇقۇش پەيدا بولىدۇ. ئارقىچىلاپ ماڭغاندا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بويۇن، بەل قاتارلىق جىددىي ھالەتتىكى مۇسكۇل توپى ۋە سۆڭەكلەر مۇناسىپ ھالدا بوشىشىدۇ، بۇ زەخىملەنگەن ئورۇننىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

071021335145100010945131

2. بەل ۋە دۈمبە سىرقىراپ ئاغرىشنى پەسەيتىش

ئارقىچىلاپ مېڭىش ئۈچۈن بەلنى تىك تۇتۇش ياكى سەل كەينىگە ئېگىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئومۇرتقا ۋە بەل-دۈمبە مۇسكۇللىرى ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ئېغىرلىق كۈچى ۋە ھەرىكەت كۈچىگە بەرداشلىق بېرىپ، ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا تولۇق ھەرىكەتلىنەلمەيدىغان ئومۇرتقا ۋە بەل-دۈمبە مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرىدۇ، بۇ قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا پايدىلىق. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل-دۈمبە ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار ھەر قېتىم ئارقىچىلاپ يول يۈرگەندە بەل قىسمى ئازادىلىك ھېس قىلىدىكەن، ئۇزاق مۇددەت ئارقىچىلاپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، بەل-دۈمبە ئاغرىقىغا قارىتا كۆرۈنەرلىك داۋالاش رولى بولىدىكەن.

3. ئورۇقلاشقا ياردىمى بولىدۇ

ئارقىچىلاپ مېڭىش ئالدىغا ماڭغانغا قارىغاندا قىيىن بولىدۇ، بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، كىشىلەر تېخىمۇ تىرىشىپ بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىشىنى قوزغىتىشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ئارقىچىلاپ مېڭىش ئالدىغا ماڭغانغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدۇ.

071021432468500010945131

4. بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇق سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

ئارقىچىلاپ ماڭغاندا يول يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا يىقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەدىنىمىزنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماسلىشىپ، كۈچلۈك تەڭپۇڭلۇق كۈچى ۋە قارشىلىق كۈچىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

071021512821500010945131

5. دوك ياكى دۈمچەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

دوك ياكى دۈمچەك بولۇپ قېلىش ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى توغرا بولمىغان ئولتۇرۇش قىياپىتى ۋە تۇرۇش قىياپىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەيلى يۈگۈرۈش ياكى ئالدىغا مېڭىش بولسۇن، ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىق مەركىزى ھامان ئالدىدا بولىدۇ، ئوڭ مېڭىشنىڭ دوك ياكى دۈمچەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھېچقانداق ياردىمى بولمايدۇ. ئەكسىچە ئارقىچىلاپ ماڭغاندا بەلنى تىك تۇتۇپ ياكى سەل ئارقىغا ئېگىپ، ئومۇرتقا ۋە بەل دۈمبە مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ نورمال ئەگرىلىك دەرىجىسىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلايدۇ، ئارقىچىلاپ مېڭىش ئارقىلىق ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر دوك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالسا، ياشانغانلار زىيادە بالدۇر دوك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.

6. ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ئارقىچىلاپ مېڭىش نورمال ھالەتكە قارشى ھەرىكەتكە تەۋە بولۇپ، ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارقىچىلاپ مېڭىش دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولۇپ، بۇ نورمال ماڭغانغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بۇ چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت ئارقىچىلاپ مېڭىپ چېنىقىش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدىكەن.

071021565398000010945131

ئارقىچىلاپ مېڭىشتىن بۇرۇن، تەييارلىق ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلىقى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا بولغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، تەڭپۇڭلىقى ناچار، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ئامال بار ئارقىچىلاپ ماڭماسلىقى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى