ساغلاملىق بىلىملىرى

جىگەرنى ئاسراشتا ئۈچ خىل تاتلىقنى ئاز يېيىش ۋە ئۈچ خىل «ئاچچىق»نى كۆپ يېيش كېرەك

سىنار تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

072610162715400004418093

جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، باشقا ئەزالار خىزمىتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىدا نۇقتىلىق رول ئوينايدۇ. جىگەردە مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان، بەدەننىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ساغلاملىققا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا جىگەرنى ئاسراش ۋە قۇۋۋەتلەش تولىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى ئىنچىكە ھالقىلارغا كۆپرەك دىققەت قىلغاندا، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

072609464939100004418093

بۇ ئۈچ خىل تاتلىق يېمەكلىك جىگەرگە زىيانلىق:

1. ماروژنى

ياز كۈنى كۆپ قىسىم كىشىلەر مۇزدەك ماروژنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ سوغۇقلىقى بىلەن بەدەننى راھەتلەندۈرسە، تەمى ئارقىلىق ئادەمنىڭ تاتلىق يېمەكلىككە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. ئەمما ماروژنىنىڭ تەركىبىدىكى پولىساخارىدلار جىگەرنىڭ قەنت مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماروژنى سوغۇق يېمەكلىك بولغاچقا، بەدەنگە كىرگەن ھامان ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، تال ۋە ئاشقازاننى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق يېمەكلىكلەر ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى غىدىقلاپ، ھەيز دەۋرىيلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاش ياكى بالىياتقۇنىڭ سوۋۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

072609482884900004418093

2. ئەتكەن چاي

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەتكەن چاي قىزغىنلىقى ئېشىپ بېرىپ، ئەتكەن چاينىڭ تۈرىمۇ كۆپەيدى. ياز پەسلىدە كۆپىنچە كىشىلەر بىر ئىستاكان مۇزلىتىلغان ئەتكەن چاينى ھاردۇق چىقىرىش چېيى قىلىدۇ. لېكىن ئەتكەن چاي تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ھەزىم قىلىش مېتابولىزمى سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ۋە بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاش ياكى جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

072609472986000004418093

3. شاكىلات

شاكىلات كىچىكلەرنىڭلا ئەمەس چوڭلارنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. كەيپىيات ياخشى بولمىغاندا 2-1 تال شاكىلات يەپ بەرسە، بېسىم تۇيغۇسىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەنت ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر بەك كۆپ يەۋەتسە بەدەن سەمرىپ، ئاشقازان، ئۈچەي فېرمېنتىنىڭ ئاجرىلىشى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشقازان، ئۈچەي كۆپۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شاكىلاتنى كۆپ يېگەندە، قەنت ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

072610202419400004418093

بۇ ئۈچ خىل «ئاچچىق» يېمەك-ئىچمەكلەر جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ:

1. ئاچچىق چاي

سۇ ئىچىشنىڭ بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قان ئايلىنىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە ئايان. ئەگەر ئادەتتىكى قايناق سۇ ئىچىشنى ياقتۇرمىسىڭىز، ئۇنىڭغا چاي ماتېرىياللىرىنى قوشۇۋەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن قېرىقىز يىلتىزى چېيى (牛蒡根茶) جىگەرنى ئىللىتىپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، مېتابولىزم ۋە سىنتېزلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. پونۇس ئۇرۇقى چېيى (决明子茶) جىگەردىكى زەھەرلىك ماددا ۋە ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. جۈخارگۈل چېيى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، يەنە كېلىپ جىگەردىكى ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. ئۇچقات چېيى (金银花茶) سەپرا ۋە جىگەر ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

072610225029400004418093

2. ئاچچىق كاۋا

ياز پەسلى ئاچچىق كاۋا بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل بولۇپ، ئاچچىق كاۋا جىگەرنى تازىلاپ قان تولۇقلاش ۋە جىگەردىكى ئىسسىقنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ھەمدە جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە يەنە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، جىگەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ماددىلار بار. بۇنىڭدىن باشقا ئاچچىق كاۋا تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما، ئاچچىق كاۋىنىڭ تەمىگە كۆنۈش بىر قەدەر قىيىن.

072610242083800004418093

3. ھەرە يېلىمى (蜂胶)

ھەرە يېلىمىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق. ئۇ قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ۋە دىئابېت كېسىلىنى قوشۇمچە داۋالايدۇ. ھەرە يېلىمى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فىلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بار بولۇپ، قىل قان تومۇرلارنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا شېكەر ۋە ياغنى پارچىلاپ، جىگەرنىڭ قاننى تازىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جىگەرنىىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىش ۋاقتىنى ئامال بار تاماقتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كېچىكتۈرگىلى ۋە جىگەرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

072609411863600004418093

سەمىمىي ئەسكەرتىش:

يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشتىن باشقا يەنە يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش، ياز پەسلىدە بەدەننى زىيادە سوغۇق تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى