شىپالىق رېتسىپلار

ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى

ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى
تەييارلاش ئۇسۇلى: ساپ يەرلىك ھەسەل بىر ھەسسە، ساپ يامغۇر سۈيى ياكى ساپ ئادەتتىكى سۇدىن ئىككى ھەسسە ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۆپىكى ئېلىنىدۇ. يېرىمدىن كۆپرەك قالغاندا ئېلىپ سۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ”ساددە ھەسەل سۈيى“ دېيىلىدۇ. كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپمۇ تەييارلىندۇ. بۇ ”مۇرەككەپ ھەسەل سۈيى“ دېيىلىدۇ.

ئاددىي تەييارلاش ئۇسۇلى:

ساپ يەرلىك ھەسەلنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ كۆپىكىنى ئېلىنىدۇ(بۇ چەككىلەنگەن ھەسەل دېيىلىدۇ) چەككىلەنگەن ھەسەلگە مۇۋاپىق مىقتاردا قايناق سۇ قويۇپ تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى: ھۆل ئسىىىق.

خۇسۇسىيىتى: بەدەننى پارقىرىتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، قۇيۇق بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش، رەئىس ئەزالارنى(يۈرەك، مېڭە، جىگەر)، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سوغۇقتىن بولغان پەي كېسەللىكلىرى، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى، كۆڭلى ئېلىشىشنى، قۇسۇشنى بېسىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى ھەيزنى ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

مەنبە: ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان دورىلار كىتابىدىن پايدىلانغان

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى