ئىچكى كېسەللىكلەر

سەمىرىپ كېتىش

ئادەم بەك سەمرىپ كەتكەندە نورمال تۇرمۇش، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە خىزمەتلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.ئىنتايىن بەك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەر ھامان بەزى خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پېشقەدەم ھۆكۈمالار پەۋقۇلاددە سېمىزلىكتە كۆپىنچە ھاللاردا ياخشىلىق يوق، دەپ قارايدۇ.
سەۋەبى
1 . بەزى كىشىلەر تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولغانلىقتىن داۋاملىق ھالدا گۆشلۈك ۋە ئوزۇقلۇقى يۇقىرى بولغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئارتۇقچە ھەرىكەت قىلماي ئارام ئېلىش، ئۇخلاش ۋە سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئېچىش قاتارلىقلاردىن مىزاجى ئۆزگىرىپ بارا – بارا سەمرىپ كېتىدۇ.
2 . بەزى كىشىلەر ئەسلى تەبىئىي مىزاجى ھۆل بولۇش بىلەن بىللە ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنىڭ نورماللىقى، ماددا ئالمىشىش كۈچلۈك بولغانلىقى، ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇقلىرى تولۇق ئۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن كۈندىن – كۈنگە سەمرىپ كېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر كۆپ ئۇسسايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى كۆپ ئىستېمال قىلغانسېرى ھۆللۈكى ئېشىپ تېخىمۇ تېز سەمرىيدۇ.
3. بەزى كىشىلەردە ياشنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن مىزاجى ھۆللۈككە ئايكىنىشى ياكى تۇرغان جاينىڭ ھاۋا كىلىماتىدا ھۆل – يېغىن، نەملىكنىڭ كۆپ بولۇشىغا شۇ كىشىنىڭ مىزاجى ماس كىىلىپ ئاستا – ئاستا سەمرىپ ئاخىرى بەك سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل سەمرىش ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
4.بەك سەمرىش بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ياكى خىزمەت شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن : بەزى كىشىلەر تاماق ۋاقتى ۋە تاماق تۈرلىرىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزى خالىغان تاماقلارنى ۋە مايلىق، گۆشلۈك ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە مۇسەللەس، بۇزا، ھاراق، شارابلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئاشپەزلەر قولايلىق شائىتتىن پايدىلىنىپ دائىم ھەر خىل كۈچلۈك تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش تۈپەيلىدىن كۆپ ئۇسساپ سۇيۇقلۇقنى كۆپ ئىچىپ، ھەرىكەت قىلماسلىق بىلەن بەدەندە غەيرىي تەبىئىي ھۆللۈك كۆپىيىپ سەمرىپ كېتىدۇ.
بەك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان مۇھىم كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىچە :
1 . سېمىزلىك تەسىرىدىن نەپەس يوللىرى تارىيىپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ. ئىنتايىن بەك سەمرىپ كەتكەنلىك تەسىرىدىن ئۇششاق قان تومۇرلاردا قېتىش ۋە كاۋاك پەيلەردە قىسمەن توسۇلۇش ۋە سىقىلىش پەيدا بولىدۇ. بەدەن چىڭقىلىپ بىر ئاز ئىششىغاندەك بولۇپ ئاخىرى نەپەس يوللىرى سىقىپ نورمال نەپەس ئېلىش، ئولتۇرۇپ – قوپۇش، يول مېڭىشلارنىڭ كۈندىن – كۈنگە قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2 . ئىنتايىن بەك سەمرىپ كەتكەنلىك تەسىرىدىن ئومۇمىي بەدەندىكى قان تومۇرلار سىقىلىپ ئاخىرى مېڭە يۈرەك قان تومۇرلىرىدا توسۇلۇش ياكى تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئارتۇقچە توسۇلغان ماددا .ئۇششاق تومۇرلار ئارقىلىق مېڭىگە ياكى يۈرەككە قۇيۇلۇپ قان بېسىمى ئۆرلەش، ئۇشتۇمتۇت كۆڭلى ئاينىپ يېقىلىش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق كېسەللىكللەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3 . پەۋقۇلاددە سەمرىپ كەتسە ئۇششاق قان تومۇرلار سىقىلىپ ۋە چىڭقىلىپ ئاخىرى ئازغىنە سەۋەبلەردىن قان تومۇرلارنىڭ بىرەر جايىدىن يېرىلىش ياكى ئۈزۈلۈش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىز، بۇرۇن، ئۈچەيلەرنىڭ بىرەسىدىن قان كېلىپ كۆپ قان يوقىتىش بىلەن خەتەرلىك ئەھۋاللارنى پايدا قىلىدۇ.
4 . سېمىزلىق ئۇزۇن داۋام قىلسا يۈرەك، ئۆپكە ۋە مېڭە تومۇرلىرى سىقىلىپ قىسمەن توسۇلۇش بىلەن بىللە ساپ ھاۋا تولۇق ئالمىشالماي قاننىڭ تەركىنىدە گاز پەيدا قىلىدۇ – دە باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك سىقىلىش ۋە تۇتقاقلىق خاپقان كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرى بىرەر ئەزادىكى تومۇرلارنىڭ قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5 . ھەددىدىن ئارتۇق سەمرىپ كېتىش مەيلى ئەرلەردە بولسۇن مەيلى ئاياللاردا بولسۇن ئوخشاشلا يۇغماسلىققا سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن : بەك سېمىزلىك ئەرلەردە كۆرۈلسە ھۆللۈكنىڭ كۆپلۈكى تەسىرىدىن جىنسىي ئۇرۇقلۇق تولۇق پىشىپ يېتىشەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن پەرزەنت بولماسلىكى مۇمكىن. ئەگەر بەك سېمىزلىك ئاياللاردا كۆرۈلسە مىزاجى تېخىمۇ ھۆللىشىپ كېتىپ ئۇرۇقنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ ياكى تۇخۇم تولۇق پېىشىپ يېتىشەلمىگەنلىكىدىن ئەرلىك ئۇرۇق بىلەن بىرلىشەلمەيدۇ ياكى بالىياتقۇ بوينى ماي قاپلاپ قاتكەنلىكى ئۈچۈن ئەرلەردىن كەلگەن ئۇرۇق بالىياتقۇ ئىچىگە ئۆتەلمەيدۇ ياكى ئۇرۇق ئۆتۈپ ھامىلە بولغان تەقدىردىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا بالا چۈشۈپ كېتىدۇ.
6 . ئىنتايىن بەك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مىزاجىدا كۆپىنچە ھاللاردا ھۆللۈك ئېشىپ كەنكەنلىكتىن ھەزىم ئەسەبلىرى ۋە بوغۇم پەيلىرى كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلاپ ئاخىرى پالەچ، لەقۋا ۋە ھەر خىل بوغۇم ئاغرىقلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. بەك سېمىزلىك ۋە ھۆللۈكنىڭ تەسىرىدىن ئىچكى ئەزا ۋە ئۈچەيلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۈچەينىڭ تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاشقانلىقتىن ئارقا تەرەپ داۋاملىق ھالدا سۇيۇق كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋاسى
سەمرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مىزاجنى تەكشۈرۈپ سەمرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە قايسى خىلىت ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ سەۋەبنى توختاتقاندىن كېيىن شۇ كىشىنىڭ مىزاجنى تەڭشىگۈچى ۋە ئارتۇق ماددىنى تازىلاپ چىقارغۇچى ۋە ئورۇقلاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىللە پەرھىز تۇتۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
يۇقىرىقى ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ھەددىن ئارتۇق سەمرىپ كەتكەن كىشىلەرنى ئورۇقلاتقۇچى چارە – ئۇسۇللار ۋە ئورۇقلاتقۇچى دورىلار تۆۋەندىكىچە : ئالدى بىلەن بەك سەمرىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولغان .امىللارنى تۈگىتىپ، ئاندىن كېيىن بەدەننى قۇرۇتۇپ ئۇرۇقلىنىش ئۈچۈن سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە ئارقا تەرەتنى ماڭدۇرغۇچى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىللە تاماقنى ئاز يېيىش، ئۇسسۇزلۇقنى كېمەيتىش، ئاز ئۇخلاش جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش، پات – پات پارلىق مۇنچىدا تەرلىنىش لازىم ھەمدە ھەرخىل ئىسسىقلىق دورىلار ۋە ماددىلارنى تارقاتقۇچى ياغلاردىن سېرىق چېچەك يېغى، قۇستە يېغىلار بىلەن بەدەنى ياغلاش لازىم.
سېمىزلىكنى ئورۇقلاتقۇچى ئىترېيفېلى كەبىر، ئىترېيفېلى سەغىر، مەئىجۈنى لىمون، مەئىجۈنى سىنجىرىينا، داۋا ئول لۇك قاتارلىق قۇرۇق ئىسسىق دورىلارنى بېرىش، مىزاجنى ياخشىلاپ ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، بەدەننى قۇرۇتقۇچى دورىلاردىن قايسى بىرى بولسا شۇنى ئىشلىتىش لازىم. شۇندىلا بىمار كۈندىن – كۈنگە ئورۇقلاپ نورمال ھالەتكە كېلىدۇ. قاتتىق جايدا يېتىش، بەك يۇمشاق كۆرپىدە ياتماسلىق ھەمدە بەدەننى سەمرىتىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش لازىم. بەدەننى ئورۇقلاتقۇچى سوپۇنى نانخۇانىڭ تەركىبى مۇنداق : بادىيان، سوزاپ، زىرەكىرمانىلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گىرام، مەرزەنجۇش، توغرىغۇ يېغىلارنىڭ ھەربىرىدىن 3 گىرام لەك مەغسولىدىن 6 گىرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ كۈندە 2 قېتىم، ھەرقېتىدا ئەھۋالغا قاراپ 3 گىرامدىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
يەنە بىر خىل نۇسخا تەكىبى : لەك مەغسول، سۇندۇرۇسلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىر گىرام، مەرزەنجۇش، زىراۋەن، جىنتىيانە ھەربىرىدىن يېرىم گىرام ئېلىپ سوقۇپ، تاسقاپ كۈنىگە 2 قېتىم ھەرقېتىمدا يېرىم گىرام بېرىلىدۇ.
يەنە بىر خىل نۇسخا تەكىبى : لەك مەغسولدىن بىر گىرام ئېلىپ سىركىگە چىلاپ، يۇمشاق سوقۇپ 0.1 گىرامدىن ئونغا بۆلۈپ، ئەتىگەندە بىر ئۆلۈش، ئاخشامدا بىر ئۆلۈش ئىستېمال قىلىدۇ. بىر ئاز ئۇسساتسىمۇ ئۇسسۇزلۇققا چىدىسا تېزلا ئورۇقلىتىدۇ.
يۇقىرىقى ئورۇقلاتقۇچى چارە – ئۇسۇل، دورىلارنى، ئىشلىتىش بىلەن بىللە بىمارنىڭ غىزاسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك بەدەننى سەمرىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، تامىقى ئۈچۈن ھەرخىل ھۆللۈك ۋە كۈچلۈك تاماقلارنى بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
غىزاسى ئۈچۈن ئورۇقراق ئۆچكە گۆشى ۋە قېرىراق خوراز گۆشىگە زىرە ۋە قارىمۇچلارنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. بەزى ھۆكۈمالار ئاق يەر يىلىنى تۇتۇپ تازىلاپ، تۇزلاپ قۇرۇتۇپ، سوقۇپ تاسقاپ، 0.5 گىرامدىن، كۈنىگە 2 قېتىم ئىستېمال قىلسا ئاسانلا ئورۇقلايدۇ، دەپ قارايدۇ. بىمار پات – پات ئاچ قورساق پېتى پارلىق مۇنچىدا تەرلىنىشى، ئۇنىڭدىن باشقا تاماقنى ئاز يېيىش، سۇيۇقلۇقنى كەم ئىچىش، تاماقنى كۈندىن – كۈنگە ئازايتىپ يېيىشكە ئادەتلىنىشى، ئاز ئۇخلىشى، ئاز دەم ئېلىشى، جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلىشى لازىم.
ئالدىنى ئېلىش
تۇرمۇشنى رەتكە سېلىش ۋە نورمال ئوزۇقلىنىش، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئادەتلىنىش، ھاراق – شاراب ئىچمەسلىك، گۆشلۈك مايلىق تاماقلار، قايماق، سېرىق ياغ، تۇخۇم، سۈت، شېكەر، كەمپۈت، ياڭاق مېغىزى، بادام، ئۈجمە، ئەنجۈر، قوغۇن قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش، كەچتە يەڭگىل ئوزۇقلىنىش، ھەرقانداق چاغدا تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلىماسلىق، بولۇپمۇ سەمرىپ كېتىش ئېھتىمالى كۆرۈلسە سوتكىسىغا 7 سائەتتىن كۆپ ئۇخلىماسلىق، ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇل، تاۋۇز، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق گۆش، ياغ، ئۇن، گۈرۈچلۈك تاماقلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئاز تاماق يېيىش، ئۇسسۇزلۇقنى ئازايتىش،چوڭ – كىچىك تەرەت ئازىيىپ كەتسە ياكى قەۋزىيەت بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى