ئاياللار كېسەللىكى

ئاياللاردىكى ​سۈيدۈك يولى ياللۇغى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن ئاسانلا سۈيدۈك يولى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

072612465386500016061200

1. كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەنىڭ تەتۈر يۇقۇملىنىشى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەردىن چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، يەنە مىكوپلازما، خلامىدىيە ۋە جىنسىي يول تامچە قۇرتى قاتارلىقلار بار.
2. ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى بىر قەدەر قىسقا بولغاچقا، باكتېرىيەلەر سۈيدۈك يولى ۋە دوۋساققا تەتۈر يۆنىلىشتە كىرىپ كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

072612473539200016061200

3. بەلكىم فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى جىنسىي يول، مەقئەتكە قوشنا بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئەزالاردا ياللۇغ پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك يولىغا يامراپ كېتىشى مۇمكىن، مەسىلەن جىنسىي يول ياللۇغى ۋە بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلار.
4. يەنە پۈتۈن بەدەن ياللۇغلىنىپ يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن، باكتېرىيە قان ئايلىنىش ئارقىلىق سۈيدۈك يولىغا تارقىلىدۇ، مەسىلەن ئۆپكە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك يولى ياللۇغى.
يۇقىرىقى بىر قانچە خىل سەۋەب ئاياللاردىكى سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، بەزى مېخانىكىلىق ياكى خىمىيەلىك غىدىقلاشلارمۇ سۈيدۈك يولىدا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا بەدىنىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا داۋالىنىش لازىم.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى