ئىچكى كېسەللىكلەر

جىگەر ئاغرىسا ئاگاھ بولۇڭ

تونۇش: جىگەر ئاغرىقى بولسا جىگەرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ، كىلىنىكىدا جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش ۋە ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: جىگەر مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى ،جىگەردە قاتتىق ئىششىق شەكىللىنىش، جىگەرگە يەل يىغىلىش ، جىگەر زەخىملىنىش، جىگەردە ئۇششاق تاش پەيدا بولۇش، جىگەر قېتىش، بوھران كۈنلىرىدە خىلىتلانىڭ ھەرىكەت قىلىشى، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەر مودۇر- چاقىلىرى سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
تەكشۈرۈش: ئەگەر جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق بولۇپ قىزىتما بولمىسا ، بۇ يەلدىن بولغان جىگەر ئاغرىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئاغرىش بۆھران كۈنلىرىدە يۈز بەرسە، بۇ بۆھران كۈنلىرىدە غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىن بولغان جىگەر ئاغرىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولۇش، ئېغىز قۇرۇش، چىرايى سارغىيىش، سۈيدۈك رەڭگى سارغىيىش ، سەپرا خىلىتى ئارىلاشقان قەي قىلىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش،قىزىش،جىگەر مىزاجىنىڭ خىلىتسىز ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشىدىن بولغان جىگەر ئاغرىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئاغرىشنىڭ يەڭگىل بولۇشى، چىراي ۋە قاپاقلاردا ،پۇت- قوللاردا ئىششىق شەكىللىنىش، كالپۇكلىرى ئاقىرىش، ئىچ سۈرۈش ، قورساق كۆپۈش ئالامەتلىرى بولسا ، بۇ جىگەر مىزاجىنىڭ خىلىتسىز بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

داۋالاش: جىگەر ئاغرىقى جىگەر ئاجىزلىقى،جىگەر ياللۇغى،جىگەرگە يەل يىغىلىش،جىگەر زەخىملىنىش ،جىگەردە ئۇششاق تاش پەيدا بولۇش ،جىگەر قېتىشىش ،جىگەر مودۇر چاقىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللەك بايانىدىكى داۋالاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى