ئىچكى كېسەللىكلەر

ئاشقازان ئاغرىش

تونۇش: ئاشقازان ئاغرىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا كۆپىنچە كېچىسى ئاشقازان سانجىلىپ ئاغرىش، تاماق ئىستېمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، ياش ئاياللاردا ھەيز توختاپ قېلىش ياكى ھېستىرىيە كېسەللىكى پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم بۇزۇلۇش، قېنىق چاي ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ھەرىكەت قىلماسلىق ھەمدە كۆپ ئويلاش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىشلەردىنمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزگەك كېسەللىكىنىڭ ئوفۇنەتلىك ماددىلىرى، كىچىك بوغۇملار ئاغرىقىنىڭ ئاسارەتلىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغاسەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى: ئاشقازان ئېغىزى سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىش كۆپىنچە كېچىسى، يەنى ئاشقازان تاماقتىن خالىي بولغاندا كۈچىيىدۇ، تاماق ئىستىمال قىلغاندا ئاغرىق پەسىيىدۇ، لېكىن بەزىدە بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، غولدۇرلايدۇ، ئاغرىيدۇ. بىمار كېكىرىدۇ، ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىلنى يوقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار بېرىلىدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى