بالىلار كېسەللىكلىرى

كىچىك بالىلارنىڭ قىزىغاندا تارتىشىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئالدىنى ئېلىش

ھەممىمىزگە مەلۇم، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولغاچقا، ئاسانلا قىزىپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بەزىدە قىزىغاندا تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كىچىك بالىلارنىڭ قىزىغاندا تارتىشىپ قېلىشىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ قىزىپ تارتىشىپ قېلىشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

073117300183000017234601

1. كىچىك بالىلارنىڭ قىزىغاندا تارتىشىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى: كىچىك بالىلارنىڭ قىزىغاندا تارتىشىپ قېلىشى ئادەتتە يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئاددىي ۋە مۇرەككەپ تىپلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئاساسلىقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ياخشى يېتىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن بەزىدە بەزى بالىلاردا قىزىش، تارتىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ. ئەمما تارتىشىپ قېلىش ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، نورمال ئەھۋال بولسا 2-3 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

073117315572900017234601

2. كىچىك بالىلاردا قىزىغاندىن كېيىنكى تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى: ئادەتتە بالىلاردا 39-40 گىرادۇسقىچە بولغان يۇقىرى قىزىتمىلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئاسانلا تارتىشىپ قالىدۇ. تارتىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، بەزىلىرى پۈتۈن بەدەنلىك، بەزىلىرى قىسمەن دائىرىلىك تارتىشىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىككى كۆزىنىڭ شارچىسى ئارقىغا كېتىش، پۈتۈن بەدەن قېتىپ قالغاندەك تۈز بولۇپ قېلىش، بەدىنىنى كەينىگە ئېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بەزىدە يەنە سېزىمىنى يوقىتىدۇ. ھەتتا ئېغىر بولغاندا 1-2 مىنۇتقىچە نەپەسلىنىشتىن توختاپ، كالپۇكى كۆكىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

073117345594100017234601

3. كىچىك بالىلار قىزىپ تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئادەتتە بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇقلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، بالىلارنى بىر قىسىم دالا پائالىيەتلىرىگە ئېلىپ چىقىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
بالىلارنىڭ زۇكام بولۇپ قىزىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا ئامال بار بالىلارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چوڭلار ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتا چوڭلارنىڭ بالىلاردىن يىراق تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋاقتىدا دىققەت قىلىش، ئەگەر بوۋاق دائىم قىزىپ قالسا، بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ قىزىپ قالغان بوۋاقلارنىڭ كېچىدە يۇقىرى قىزىتما ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش، ئەگەر يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن فىزىكىلىق قىزىتما چۈشۈرۈش ئۇسۇلى (بېشىغا قىزىتما چۈشۈرۈش چاپلىمىسى چاپلاش، ئىلمان سۇدا پۇت-قۇلى، يېرىقلىرىنى سۈرتۈش، پۇتىنى ئىلمان سۇغا چىلاش) ئارقىلىق قىزىتمىنى ياندۇرۇشى كېرەك، ئەھۋال ئېغىر بولسا دەرھال بالىنى دوختۇرغا ئاپىرىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى