ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بەلكىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

080119191610900000059025

100 ياشتىن تۆۋەن ياشانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، 100 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئۈچەي يولى باكتېرىيەسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان، ئەمما ئۇنىڭ مېخانىزمى ئېنىق بولمىغان.

يېقىندا «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئالىملار ئۈچ گۇرۇپپا قاتناشقۇچىنى ئانالىز قىلغان: 160 نەپەر 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغان كىشى ، 112 نەپەر ياشانغان كىشى (يېشى 85 ~ 89 ياش ئارىلىقىدا) ۋە 47 نەپەر ياشراق كىشى (يېشى 21 ~ 55 ياش ئارىلىقىدا). ئۇلار يەنە ئىككى گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۈز ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ تېنىدە ئىككىلەمچى ئۆت كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تېخىمۇ موللاشقانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ئۆت كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدىغان كۆپ خىل مىكرو ئورگانىزملارنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، تاش ئۆت كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر خىل تۇغۇندى ماددا (isoalloLCA)نى سىزىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ماددا چاشقان تېنىدىكى جاپالىق موكا باكتېرىيەسى (Clostridium difficil)نىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ.

080119205972700000059025

ئاپتور بۇ تەتقىقاتتا ئۆت كىسلاتاسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە باكتېرىيە تۈپى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ئۆت كىسلاتاسى تۈرىدىكى بىرىكمىلەرنى كونترول قىلىپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆت كىسلاتاسى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ دەپ قارىغان.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى