ئانا-بالا

بوۋاقلار قارا ئاشلىق يېسە بولامدۇ؟

سوخۇ تورى، نۇر تورى تەرجىمسى:

073120580487800000015581

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، قارا ئاشلىق يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ، لېكىن بالىلارغا قارا ئاشلىق بېرىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئارىسالدى بولۇپ، قارا ئاشلىقنىڭ ياخشى ھەزىم بولماي، بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا يۈك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

073120582434000000015581

ئەمەلىيەتتە بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قارا ئاشلىقنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ. قارا ئاشلىقنىڭ ئۇرۇق پوستى ئايرىۋىتىلمىگەن بولغاچقا يېگەندە ئەستايىدىل چاينىغاندىلا قىينالمايلا يۇتۇۋەتكىلى بولىدۇ. قارا ئاشلىقنى چايناش چىشنىڭ سىرتقى يۈزى، چىش ئاراچلىرى ۋە چىش مىلىكىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى تازىلاپ، چىش مىلىكىنى ئۇۋىلاپ، چىشنى تېخىمۇ چىڭ، مۇستەھكەم قىلىدۇ.

073120583450600000015581

ئەمما ئىككى ياشتىن كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمايدۇ. ئەگەر قارا ئاشلىقنى كۆپ يېسە، بولۇپمۇ دانلىق قارا ئاشلىقنى كۆپ يېسە، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ھەقىقەتەن يۈك بولۇپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، قارا ئاشلىق تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك كىسلاتاسى ۋە يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىككى ياشتىن كىچىك بوۋاقلارغا بەك كۆپ قارا ئاشلىق بەرمەسلىك كېرەك.

073120584112300000015581

يېشى چوڭراق بولغان، ئوقۇشقا كىرگەن بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قارا ئاشلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك. ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بالىلار ھەر كۈنى قارا ئاشلىق يېسە بولىدۇ، لېكىن قارا ئاشلىقنىڭ نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئاساسىي تاماقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىچىدە كونترول قىلىنسا بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزراق بالىلار نىسبەتەن ياخشى ھەزىم بولىدىغان قارا ئاشلىق، مەسىلەن: تېرىق، سۇلۇ، قارا گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تاللاپ يۇمشاق پىشۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم، ھەپتىدە 4-3 قېتىم يېسە بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قارا ئاشلىق تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بالىلارغا كۆپرەك سۇ تولۇقلاپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى