
سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇق بولۇشنى گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ. شۇڭا تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش نۆۋەتتىكى ئاساسىي يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ تاماق يېمەي ئورۇقلاش كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاشتىكى ۋاستىسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ئانچە ئىلمىي بولمىغان تاللاش ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇيقۇنىڭمۇ ئورۇقلاشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بىر قىسىم ياخشى بولمىغان ئادەتلەر ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۈنۈملۈك ئورۇقلاشقا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدىكەن.
تۆۋەندە ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەتلەرنى چۈشىنىپ چىقايلى:
كەچلىك تاماق يېمەسلىك
نۇرغۇن كىشلەردە ئورۇقلاشقا نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك خاتا قاراش مەۋجۇت. يەنى ئۇلار ھەرىكەت قىلغاندا ۋە تاماقتىن ئۆزىنى تارتقاندىلا ئاندىن ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ كۆز قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە كەچلىك تاماقنى يېمىگەندىن سىرت، باشقا ئىككى ۋاق تاماققىمۇ مېۋە-چېۋە يېيىش ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكچى بولىدۇ. بۇ خىل قاراش ئىلمىي ئەمەس. بۇ ئەھۋال ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى نورمال ماددا ئالمىشىشقا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ ۋە كۆپ خىل كېرەكسىز، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەندە دۆۋىلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئورۇقلاش مەزگىلىدە تاماق يېمەسلىككە بولمايدۇ. ئەمما تاماقنى كۆپ يەۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك.
2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىشنى ئادەت قىلغان. يەنە كېلىپ بۇ خىل ئادەتنىڭ پايدىلىق تەرىپى بار. لېكىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىش مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. سۇنى كۆپ ئىچكەندە كېچىدىكى سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. بەدەننىڭ قايتا ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىشىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ھالدا مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەن ئىششىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفون ئويناش
يانفوننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنىڭ قوش تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئاستا-ئاستا تونۇپ يېتىۋاتىمىز. يانفون بىزگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزنى كونترول قىلالماسلىق سەۋەبلىك سالامەتلىكىمىزگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفون ئويناش كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندىن سىرت، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بەدەندىكى ماددا ئالىشىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ تەبئىيلا ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئورۇقلاش پىلانىدا ئىزچىل بولۇش مۇھىم بولسا، ئورۇقلاشتىكى قوشۇمچە ئامىللاردا ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش ھەممىدىن مۇھىم. مەيلى تاماق يېيىش بولسۇن، ياكى سۇ ئىچىش بولسۇن، ۋە ياكى يانفون ئويناش بولسۇن ئۆز بەدەن ئېھتىياجىمىزدىن ھالقىپ كەتمىگىنى ئەڭ ياخشى ئۆلچەمدۇر.