بىلىۋىلىڭ

ھورمۇنلۇق دورىلار قورقۇنچلۇقمۇ؟ تېرە كېسىلى داۋالاشتا ھورمۇنلۇق دورا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

080512060831200000015581

ھازىر نۇرغۇن تېرە كېسەللىكى بىمارلىرى دوختۇرنىڭ رېتسېپىنى ئالغاندىن كېيىن، خاتىرجەمسىزلەنگەن ھالدا: «بۇنىڭ ئىچىدە ھورمۇن يوقتۇ؟ ھورمۇن راستتىنلا شۇنداق قورقۇنچلۇقمۇ؟ تېرە كېسىلىنى داۋالاشتا ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟» دېيىشىدۇ.

ھورمۇن دېگىنىمىز گلۇكوكورتىكوستېروئىد ھورمۇنى (糖皮质类固醇激素)نى كۆرسىتىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئىنسانلار ھورمۇننى سىنتېزلاپ چىققان ھەمدە كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلەتكەن. ھورمۇن كۈچلۈك بولغان ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، ئىممۇنىتېتنى تورمۇزلاش ۋە ئۆسۈشكە قارشى تۇرۇش رولى بىلەن نۇرغۇن بىمارلارنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ھورمۇننىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى رولىنى باشقا دورىلار تولۇق جارى قىلدۇرالمىدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھورمۇننىڭ بارلىققا كېلىشى خىمىيەلىك دورىلار ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. لېكىن ھورمۇننىڭ رولى كۈچلۈك، ئۈنۈمى تېز بولغانلىقتىن بىمارلار، ھەتتا نۇرغۇن دوختۇرلار ھورمۇنغا زىيادە تايىنىۋېلىپ، ھورمۇننى زىيادە قالايمىقان ئىشلىتىپ، سېمىزلىك، سۆڭەك شالاڭلىشىش، قاناش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھورمۇنلۇق دورىلار بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان «زەھەرلىك دورا»غا ئايلاندى.

080512062116100000015581

ھورمۇننىڭ ئەكس تەسىرى ئۇزاق مۇددەت، كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا ئاندىن كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بولۇپمۇ ئىممۇنىتېتلىق، ئاللېرگىيىلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئەگەر ھورمۇن ئۈنۈمى كۈچلۈك، داۋالاش سۈرئىتى تېز بولمىسا، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ناھايىتى تەس بولىدۇ. تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلىرى ئىچىدە ھورمۇنلۇق دورىلارنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش ۋە قىچىشىشنى توختىتىش رولى بارلىق تېرە كېسەللىكلىرى دورىلىرى ئىچىدە ئۈنۈمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ھورمۇنلۇق دورىلار تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا كەم بولسا بولمايدىغان دورىلار ھېسابلىنىدۇ. بىمار داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى قوغلىشىپ، ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارغا زىيادە تايىنىۋالماسلىقى ھەم ھورمۇننىڭ ئەكس تەسىرىدىن قورقۇپ، ھورمۇن ئىشلىتىشنى بىردەك رەت قىلماسلىقى، دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى توغرا ئىشلىتىپ، ھورمۇننىڭ داۋالاش رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ھورمۇننىڭ قوشۇمچە تەسىرىدىن ساقلىنىشى، ئەكس تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

080512064379900000015581

سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ تەركىبىدە ھورمۇن بار-يوقلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

سىرتتىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھورمۇنلۇق دورىلارنىڭ تۈرى ئون نەچچە خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىزلىققا قاراپ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ئەكس تەسىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى قانچە كۈچلۈك بولسا ھورمۇننىڭ ئەكس تەسىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىدا ھورمون بار-يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرۈشتە ۋە تاللاشتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى