دېئابىت كېسلى

​قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى دىيابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ياخشى داۋالىماقچى، قان شېكىرىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلماقچى بولىدىكەن، قايسى ئامىللارنىڭ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇ ئامىللارنى چۈشەنگەندىن كېيىن، تۇرمۇشتا قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

080601153949300016061200

قايسى ئامىللار قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. ئۇيقۇ ناچار بولۇش
نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇيقۇ سۈپىتى بەك ناچار، ئۇخلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولسا، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، ئادەم بەدىنى كۆپ گلۇكوكورتىكوئىد (糖皮质激素) ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ گلۇكوزا تولۇق پارچىلانماي، ئاخىرىدا قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا ئۇيقۇ جەھەتتە مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ھەل قىلىشى، دوختۇردىن ياردەم سورىشى كېرەك.

080601224049200016061200

2. ناچار كەيپىيات
نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇمكى، ئادەم بەك ھاياجانلانغاندا، بەك خۇشال بولغاندا، بەك ئازابلانغاندا قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە قان شېكىرىمۇ بۇ خىل ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ناچار كەيپىيات، بولۇپمۇ جىددىيلىشىش، ھاياجانلىنىش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش قاتارلىق بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ناچار كەيپىيات پەيدا بولغاندا، بەدەندە بەزى سېزىمچانلىق رېئاكسىيەلىرى كۆرۈلۈپ، سىمپاتىك نېرۋا ھاياجانلىنىپ، بۆرەكتىكى ھورمۇن زىيادە ئاجرىلىپ چىقىپ، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى، ناچار كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزىنى بىردەم تىنچ تۇتۇپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئارام ئالدۇرۇشى كېرەك.

080601240413900016061200

3. دورىلار
دورىمۇ قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولۇپ، بەزى دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن بەدەندىكى قان شېكىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار، ئىممۇنىتېتنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار، روھىي كېسەللىككە قارشى دورا قاتارلىقلار بار. ئەگەر ئۆزىدە دىيابېت كېسىلىدىن باشقا يەنە بەزى كېسەللىكلەر بولسا، دورا ئىچكەندە دائىم ئۆزىنىڭ قان شېكىرىنى ئۆلچەپ، قان شېكىرىنىڭ مۇقىم كونترول قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ھەمىشە ئۆرلەپ كەتسە، بۇ دورىلارنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، دوختۇر بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دورىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ-يوق ئويلىشىش كېرەك.

080601264865400016061200

4. ساغلام بولمىغان يېمەكلىك
نۇرغۇن دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ئىلمىي كونترول قىلالمايدۇ، پەقەت تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ھەددىدىن زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ. ئەگەر ماينى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا، ماي بەدەندىكى سېمىز گۆشكە ئايلىنىپ كېتىپ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى سەمىرىپ كېتىدۇ، سېمىزلىك ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، قان شېكىرىنى كونترول قىلىش تەسكە توختايدۇ-دە، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

080601280375800016061200

5. ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشى ئادەتتىكى دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا قارىغاندا ناچار بولىدۇ. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، بىر كۈندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلىشى، ھەر يېرىم يىلدا ياكى يىلدا بىر قېتىم چىش يۇيغۇزۇشى، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.

080601294060600016061200

يۇقىرىقى بەش ئامىل دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ئامىل بولۇپ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى تۇرمۇشتا بۇ ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش، يەنە قان شېكىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئەگەر قان شېكىرى يۇقىرى بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى