ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلقنى تەڭشەش

ئۇيقۇ ، ئويغاقلىق تەننىڭ سالامەتلىكنى ساقلىغۇچى مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، داۋالاش جەريانىدا بۇنى نەزەردە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش لازىم.
1 ئۇيقۇ: ئۇيقۇ تەبىئىي ئۇيقۇ ۋە غەيرى تەبىئىي ئۇيقۇ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. تەبىئىي ئۇيقۇ نورمال بولغان ئۇيقۇ بولۇپ، تەن سالامەتلىكنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيقۇ نورمال بولغاندا مېڭە ھۈجەيرىلىرى تورمۇزلىنىپ ، ئەسەبلەر بوشايىدۇ. نەتىجىدە روھىي قۇۋۋەت يۈرىشىدىغان يوللار قېلىنلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھىي نەپسانىمۇ قويۇقلىشىپ، ئەسەبلەرگە يوللارغا سىڭمەيىدۇ ۋە يۈرۈشمەيدۇ. شۇ ئارقىلىق سىرتقى ھېسلاردا تۆۋەنلەش ۋە توختاش پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇيقۇ شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئىچكى ئەزانىڭ ھاياتلىقتا زۆرۈر بولغان ھەرىكەت پائالىيەتلەرگە دەخلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن، نەپەس ئېلىش، قان ئايلىنىش، ماددا ئالمىشىش، تاماق ھەزىم بولۇش، بەدەننىڭ ئۆسۈش قۇۋۋىتى قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئۆزگرىش بولمايدۇ. تەبىئىي ئۇيقۇ روھىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، كۈچىنى جانلاندۇرىدۇ، بەدەنگە ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ، ماددىنىڭ پىشىشغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن ماددىنى قوزغىمايدۇ، ھاردۇقنى چىقىرىدۇ، تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
غەيرىي تەبىئىي ئۇيقۇ: بۇ يۇقىرىقىنىڭ ئەكسى بولغان ئۇيقۇ بولۇپ، تەن سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي بەلكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: سۇبات(ئېغىرئۇيقۇ كېسىلى)، بۇ ئادەمنى گالۋاڭلاشتۇردىغان كېسەللىك بولۇپ، نورمال ھارارەتنى تۆۋەنلىتىپ بەدەننى سوۋۇتىدۇ، ھۆللۈكنى ئاشۇرىدۇ. بولۇپمۇ كۈدۈزىدە ئۇخلاش يۇقىرىقىدەك زىيانلىق تەسىر قىلىشتىن تاشقىرى چىرايىنى بۇزىدۇ. نەزلە كېسەللىكى بىلەن ئېغىز پۇراش(بەخرى) كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئاچ قورساق ئۇخلاش: بەدەننى ئۇرۇقلىتپ قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تاماق ھەزىم بولماي تۇرۇپ ئۇخلاش – ھەزىمگە نۇقسان يەتكۈزۈپ ئاشقازاندا گاز پەيدا بولۇشقا سەۋەبىچى بولىدۇ. داۋاملىق ئوڭدا يېتىپ ئۇخلاش: ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، نەزلە، سىل، غول ئاغرىقى،قارا بېسىش، سەرئىي، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەمما بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىسا زىيانلىق ئەمەس. دۈم يېتىپ ئۇخلاش: كۆز كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. دېمەك يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك نورمال ئۇيقۇ بەدەنگە پايدىلىق بولغاچقا بەزەن كېسەللىكلەرنى ئەھۋالىغا قاراپ ئۇخلىتىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ھەزىم بۇزۇلۇشتىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر ، خىلىتلار ئۆزگىرشدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئەڭ مۇھىم چارىسىنى ئۇخلىتىپ داۋالاشتىن ئىبارەتتۇر. مېڭىگە قۇرۇقلۇق يەتكەن، قاتتىق چارچاشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرگە ئۇخلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. قەدىمكى تېببىي ئەسەرلەرە مۇنداق بىر ھېكايە سۆزلىنىدۇ: 35ياشلىق بىر ئايال ئۈچ كۈنلا ئۇيقۇسىز قېلىش سەۋەبى بىلەن ئېلىشىپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، كىشىلەر ھەر خىل ئاپەتتىن گۇمانلانغان، مەسىلەن: (جىن ئەپقاچقان دېيىشكەن)، ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە مېڭنىڭ روھىي قۇۋۋىتىگە ئوزۇقلۇق يەتكەن دېگەن تەشخىش بىلەن ئۇخلىتىپ داۋالاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىمار ساقايغان دېيىلگەن.
ئۇخلىتىپ داۋالاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1) بۇ ئۇسۇلنى كېسەل كىشىنىڭ مىزاجىغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك.
2) سېسىقچلىق، ھاۋاسى بۇلغانغان ئورۇندىن يىراقتا ياتقۇزۇش كېرەك.
3) ھاۋالىق، خۇشپۇراق جاينى تاللاش كېرەك.
4) زىيانداش ھاشارەتلەردىن(پاشا، كۇمۇتكا، بۈرگىلەردىن) خالىي ئورۇننى تاللاش كېرەك.
5) ياتىدىغان جاينى ھەر بىر شەخسنىڭ ئەھۋالىغا ھەم پەسىل كىلىماتىغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك.
6) بېشىغا قويىدىغان ياستۇق ھەر بىر شەخسنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەلگلىنىدۇ ( ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىغىر پاخلىدىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەر قاچلانغان ياستۇق قويۇلىشى كېرەك. ئەگەر سوغۇق كۈنلەر بولسا پاختا قاچىلانغان ياستۇق بولۇشى لازىم.
7) ئۇخلىتىش مۇددىتى نورمال بولۇش: نورمال ئۇخلىتىش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن ئون سائەتكىچە بولسا كۇپايە قىلىدۇ.
ئويغاقلىق: روھىيى نەپسانىنىڭ ئەسەپ يوللىرىغا قويۇلىشى بىلەن قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە ھېس ۋە ھەرىكەت نېرۋىلىرنىڭ سېزىش ۋە نورمال ھەرىكەت قىلىشى ئوۇغاقلىق دەپ ئېيتىلىدۇ، ئويغاقلىقمۇ تەبىئىي ۋە غەيرى تەبىئىي دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تەبىئىىي ئويغاقلىق تەن سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، ئۇ، ھېس، ھەرىكەتنىڭ توغرا ئىشلىشنى ساقلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايىدۇ. بۇرۇنقى تېببىي ئالىملار ئۇيقۇنى جىملىققا ، ئويغاقلىقنى ھەتكەتكە ئوخشىتىپ بايان قىلغان. چۈنكى ئويغاقلىق بەدەننى قىزىتىپ قۇرۇتىدۇ، روھىي قۇۋۋەتنى تارقىتىپ تاشقىرغا چىقىرىدۇ. تەبىئىي ئويغاقلق روھنى قوزغاپ تەبىئىي ھارارەتنى پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى تارقىتىپ قۇرۇتۇپ تۇرىدۇ. غەيرىي تەبىئىي ئويغاقلىق: سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە سەھرى(ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى) دېيىلىدۇ. ئويغاقلىق ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە روھنىڭ خىزمىتىنى دەخلىگە ئۇچرىتىپ، تارقاشىقا سەۋەبچى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېڭىنىڭ مىزاجى بۇزۇلىدۇ، بەدەنگە ھاردۇق يېتىدۇ، بەدەندىكى نورمال سۇيۇقلۇقلار قۇرۇيدۇ، ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، كېسەللىك تەرەققىي قىلغانسىېرى ئاقىۋەتتە ساراڭلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھالاكەتكە يەتكۈزىدۇ. ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەبچى بولىدىغان ئامىللار: كۆپىنچە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك خۇشپۇراق دورا -دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ، لېكىن ئۇيقۇسىزلىق بەزى بىمارلاردا كېسەل داۋالاشقا ياردەممۇ بېرىدۇ. مەسىلەن: لەقۋا، پالەچ، رەئىشە، سۇبات(ئېغىر ئۇيقۇ كېسىلى) بەزىدە جىگەر، يۈرەك قاتارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرنى ئۇخلاتماسلىق، يەنى ئويغاقلىق بىلەن داۋالاش ياكى ئۇيقۇسنى ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككىلا جەھەتتە نورماللقنى قولغا كەلتۈرۈپ داۋالاشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلقنى تەڭشەش

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى