
باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىش
كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش كەيپىياتى نىسبەتەن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سەۋرچانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . كۆپ ئاڭلاش ئادەمنىڭ ماتېرىيال توپلاش ۋە كۆزىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىددۇ ۋە كۆپ سۆزلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ . ئازراق سۆزلەپ كۆپ ئاڭلاش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم پەزىلەتلەرنىڭ بىرىدۇر .
باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېقىن بولۇشى ھەرگىزمۇ بارلىق ئىچكى سىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشنى شەرت قىلمايدۇ . شۇڭا كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئوچۇق – يورۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك . بۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىدۇ .
زىيادە كەمتەر بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش
كەمتەرلىك بىر خىل ئېسىل پەزىلەت . ئەمما كەمتەرلىك چەكتىن ئېشىپ كەتسە پاسسىپ تەىسر پەيدا قىلىدۇ .
خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش
خاتالىق ئۆتكۈزگەندە دەرھال ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باشقىلاردىن ئەپۇ سورىسا ، زۆرۈر بولمىغان نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك ۋە ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ توغرا بولمىغان ئىش ھەرىكىتىگە باھانە ئىزدىمەسلىك كېرەك . بولمىسا باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ۋە ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇغاندا ، كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ .
چېكىدىن ئاشقان « ئۆزىنى قۇربان قىلىش » ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇشتىن ساقلىنىش،زۆرۈر بولغان « ئۆزىنى قۇربان قىلىش » ئارقىلىق ، بىر قىسىم مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ باشقىلارغا ياردەم قىلىش ياخشى پەزىلەت . ئامما پەقەت باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇشنىلا مەقسەت قىلىپ ، « ئۆزىنى قۇربان قىلىش » توغرا ئەمەس .
ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلەش
ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈپ لاغايلاپ يۈرىدىغان ئادەم رىقابەتكە ماسلىشالماي جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاسانلا شاللىنىپ كېتىدۇ ، تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا دەخلى قىلماسلىقى كېرەك .