پىسخېكا بىلىملىرى

ئورنىدىن تۇرۇش ۋە پىسخىكا

بىر ئادەمنىڭ سەھەردىكى ھەرىكەتلىرىدىن شۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى بىلگىلى بولىدۇ .1. ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغانلار ئۈمىدۋار خاراكتېرگە ئىگە ، ھەر قانداق ئىشنى ئىشەنچ بىلەن قىلىدۇ، ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلايدۇ، ئالاقىلىشىشقا ماھىر ھەم ئامما ئارىسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ.
2. باشقىلار ئورنىدىن تۇرسا ئورنىدىن تۇرىدىغان ،كۆپچىلىككە ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغانلاركونكېرت ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خارەكتېرغا ئىگە ، پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلمايدۇ ، ئىشلىرىنى تېز ھەل قىلىدۇ ھەم ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. 3. سەھەر ئويغىنىپ بولۇپ تۇرغۇسى كەلمەيدىغانلار كەلگۈسى توغرىلىق بىرەر پىلانى بولمىغان ، بارىغا شۈكرى قىلىدىغان ، ئەپلەپ –سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ،خاراكتېرگە ئىگە .
4. سەھەر ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ بولغان تۇرۇقلۇق ، يەنە بىر ئاز ئۇخلىۋىلىشنى ، بىر ئاز كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇشنى ئويلايدىغانلار ئىش قىلىشتا پاسسىپ كېلىدۇ، تۇرمۇشتىن راھەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تىلۋىزور ۋە ئېسىل يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشى نەرسە دەپ قارايدۇ.
5.سەھەردە باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايدىغان ، ئالدى بىلەن بەخىرامان ئولتۇرۇپ بىرەر ئىستاكان چاي ئىچىشنى ئويلايدىغانلار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ھەم ئۆزىنى ئاسىرىيالايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى سىرىنى ھۆرمەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
6. سەھەردە ئالدىراپ –تىنەيدىغان ھەم ئەتىگەنلىك تامىغىنىمۇ يېمەيدىغانلار قۈرئەتلىك كېلىدۇ 7. ئورنىدىن تۇرۇپلا ھەرىكەتلىنىپ كېتىدىغانلار تەلەپچان كېلىدۇ ، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىدۇ ، قىلغان .ئىشىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ .

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى