ساغلاملىق بىلىملىرى

تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى، ساغلام يېمەكلىكلەر قايسى؟

ئەڭ ياخشى يېمەكلىك

082519503872600016448506

1. ئەڭ ياخشى كۆكتات

تاتلىق ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن مول ھەم راكقا قارشى تۇرۇش رولى بولغاچقا، بارلىق كۆكتاتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، كاللەكبەسەي، گۈللۈك كاپۇستا، كەرەپشە، پىدىگەن، قىزىلچا، سەۋزە، پىچەكگۈل، يېسسىۋېلەك قاتارلىقلار بار.

082519510999300016448506

2. ئەڭ ياخشى مېۋە

ئەڭ ياخشى مېۋىنىڭ رەت تەرتىپى: كۇلى بېھىسى، بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىن، چوڭ ئاپېلسىن، مانگو، ئۆرۈك، ئەبنۇس ۋە تاۋۇز.

082519552339000016448506

3. ئەڭ ياخشى گۆش

غاز، ئۆردەك گۆشىنىڭ خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى زەيتۇن يېغىغا يېقىن بولۇپ، يۈرەككە پايدىلىق. توخۇ گۆشى «ئاقسىلنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى» دەپ قارىلىدۇ.

082519533556100016448506

4. ئەڭ ياخشى ماي

كۆممىقوناق مېيى، زەيتۇن مېيى، كۈنجۈت مېيى قاتارلىقلار ئېسىل مايلار بولۇپ، ئۆسۈملۈك مېيى بىلەن ھايۋانات مېيى 1:0.5 نىسبەت بويىچە تەڭشەپ ئىستېمال قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

082519541160600016448506

5. ئەڭ ياخشى شورپا

توخۇ شورپىسى ئەڭ ياخشى، بولۇپمۇ توخۇ شورپىسىنىڭ زۇكام، كانايچە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولى بار، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە ئىچىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

082519544593700016448506

6. ئەڭ ياخشى مېڭە ئاسراش يېمەكلىكى

پالەك، كۈدە، كاۋا، پىياز، چېچەكسەي، قىزىلمۇچ، كۆك پۇرچاق، شوخلا، سەۋزە، كەرەپشە، سامساق، قاتارلىق كۆكتاتلار، ياڭاق، خاسىڭ، پىستە، مۇقاتىل، قارىغاي ئۇرۇقى، ئۆرۈك مېغىزى، دادۇر قاتارلىق شاكاللىق يېمەكلىكلەر ۋە يىرىك گۈرۈچ تامىقى قاتارلىقلار.

ئادەتتە كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، تەركىبىدە نۇرغۇن يېمەكلىك تالاسى ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بار، سۈت تۈرىدىكى پۇرچاق ياسالمىلىرى تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى كۆپ بولۇپ، بەدەندىكى كالتسىي ئېلېمېنتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلايدۇ. يېمەك-ئىچمەك مول بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئادەم ھەر كۈنى نېمە يېسە ئەڭ ساغلام بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك!

 


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى