ساغلاملىق بىلىملىرى

60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار بۇ بەش ئىشنى تاماملىيالىسا ساغلام ھېسابلىنىدۇ

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. پۇت ھەرىكىتى چاققان بولۇش

كۆپچىلىككە مەلۇم، ئادەم ياشىنىپ قالسا، سۆڭەكتىكى كالتسىي ئېلېمېنتىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولىدۇ، دائىم بوغۇملاردا مەسىلە كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەردە مېڭىش قىيىن بولۇش، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ياشانغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلىسە، ھەرىكەت ئاددىي بولسا، بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ساغلاملىقىنىڭ ئىپادىسى.

082615414626600006112296

2. ئىشتىھاسى نورمال بولۇش

نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقايمىز، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى بەدەن ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەيلەرمۇ سالامەتلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەگەر 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

082615441760500006112296

3. يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇنى ساقلاش

50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ، ئاسانلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز، 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئەگەر يەنە يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇنى ساقلىيالىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

082615453389600006112296

4. كەيپىياتى ئوچۇق بولۇش

ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ، ھەر كۈنى خۇشال-خۇرام ياشىغاندا، بەدەن ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە پايدىلىق.

5. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى نورمال بولۇش

بىر ئادەمنىڭ بەدەن ھالىتىمۇ تەرەت قىلىش جەريانىدا كۆرۈنىدۇ، 60 ياشتىن ئاشقان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تەرەت قىلىش ئىقتىدارى يەنىلا ناھايىتى نورمال بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى