ساغلاملىق بىلىملىرى

بۇرۇنغا مونچاق گۆش ئۆسۈپ قالغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

 

بۇرۇن مونچاق گۆشى كۆپەيگەن شىللىق پەردە بۇرۇن يولىدىن بۇرۇن بوشلۇقىغا بۆسۈپ كىرىپ شەكىللەنگەن ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، بۇرۇن پۈتۈش ياكى بۇرۇن بوشلۇقىدا ئاجرالمىلارنىڭ كۆپىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈز قىسمى ئاغرىش ياكى ئىششىش، پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ بۇرۇن قىسمىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇن مونچاق گۆشىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، داۋالاش پىرىنسىپى بولسا دورا بىلەن ئوپېراتسىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ.

082616202225900017234601

بۇرۇنغا مونچاق گۆش ئۆسۈپ قالغاندىن كېيىنكى تىپىك كېسەللىك ئالامىتى:

1. بۇرۇنى پۈتۈش. دائىم بۇرۇنى ئىزچىل پۈتۈش ھەتتا بۇرۇن بوشلۇقى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قېلىپ ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان بولۇپ، بۇرۇن پۈتۈش ئېغىر بولغاندا بۇرۇن پۈتۈش خاراكتېرلىك خورەك تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2. ئاجرالمىلار كۆپىيىدۇ. بۇرۇن بوشلۇقىدا يېپىشقاق ياكى يىرىڭلىق ماڭقا ئاقىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت سۈزۈك ماڭقا ئېقىش ھەم چۈشكۈرۈش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

3. پۇراش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش. پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش ياكى يوقىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن مونچاق گۆشىنى داۋالاش پىرىنسىپى دورا بىلەن ئوپېراتسىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ، كونكرېت داۋالاش لايىھەسى ئاساسلىقى بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

082616211236900017234601

يېنىك دەرىجىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىغا بۇرۇن مونچاق گۆشى قوشۇلۇپ كەلگەن بىمارلارغا قارىتا، ئالدى بىلەن پۈركۈگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىپ بۇرۇن بوشلۇقىنى ئۈچ ئاي داۋالاش كېرەك، ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلانسا، داۋاملىق تۈردە يەرلىك ئورۇنغا ئالتە ئاي دورا ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىغان بولسا، بىر تەرەپتىن ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن دورا مىقدارىنى كۆپەيتسە بولىدۇ، ئەگەر دورا بىلەن داۋالىغاندا يەنىلا ئۈنۈمى بولمىسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. قانچە بالدۇر داۋالانسا، داۋالاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى