ساغلاملىق بىلىملىرى

ھەر كۈنى كەچتە بىر سائەت پىيادە ماڭسا، سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھاياتلىق ھەرىكەتتە، يول مېڭىش بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھازىرلىغان بىر تۈرلۈك ماھارەت، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك سىجىللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ھەرىكەت ئۇسۇلى. ئەگەر سىز ھەر كۈنى 3000 قەدەم پىيادە ماڭسىڭىز، بۇ ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە ئاسانلا ساغلاملىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىر ئادەم ھەر كۈنى 6000 قەدەم مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن ساغلام بەدەن ھالىتىنى ساقلىيالايدىكەن. ئۇنداقتا ھەر كۈنى كەچتە بىر سائەت پىيادە ماڭسا سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

082613322460200006112296

1. بوغۇمنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ساقلاپ، پۇتنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. يول ماڭغاندا پۇت مۇسكۇل توپىنى قوزغىتىپ، بوغۇم يۇمشاق توقۇلمىلىرىنىڭ سىلىقلىقىنى ساقلاپ، ئىككى پۇتنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ، پۇت ئۇيۇشۇپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، چاققان ئىككى پۇتىڭىزنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

082613331883900006112296

2. ھەرىكەت مېتابولىزمىنى كۈچەيتىپ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ھەر كۈنى بىر سائەت يول يۈرسىڭىز، قەدەم چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بەدىنىڭىزنىڭ تەرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 300 چوڭ كالورىيەلىك ئىسسىقلىقنى كۆپ سەرپ قىلىسىز، بىلىپ-بىلمەيلا ئارتۇقچە ماينى خورىتىپ، سېمىزلىكنى ياخشىلايسىز. بەدەن ئېغىرلىقى نىسبەتەن چوڭ كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېز مېڭىش بىر تۈرلۈك ياخشى ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

082613344523100006112296

3. قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاندىكى ماي، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. يول ماڭغاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇر يېرىلىش خەۋپىنى ئازايتقىلى، يەنە ئۈچ يۇقىرى كېسەللىكنى ياخشىلاپ، يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. يول مېڭىش يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى، بەدەن قۇۋۋىتى بىر قەدەر ناچار كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ساغلام بەدەن ھالىتىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

4. كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ. يول ماڭغاندا بەدەننىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك سۇنۇش بىلەن كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ياش ھالەتنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

082613353467400006112296

5. بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پاسسىپ كەيپىياتنى ئازايتىش كېرەك. يول مېڭىش سىزنىڭ بېسىمىڭىزنى قويۇپ بېرىپ، دوپامىننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىزنى تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلايدىغان قىلىدۇ.

6. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. يول ماڭغاندا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازاننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

082613364125300006112296

يول ماڭغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. يول ماڭغاندا بېشىنى كۆتۈرۈپ قەددىنى تىك تۇتۇش، كۆكرىكىنى ئىچىگە ئېلىپ دۈمچەك بولۇۋالماسلىق كېرەك.

2. تاماقتىن كېيىن دەرھال يول ماڭماسلىق كېرەك، بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى ئوكسىگېن ئۈچەي يولىنى تەمىنلەيدۇ، يېمەكلىك ھەزىم بولىدۇ، ئالدى بىلەن سەيلە قىلىشتىن باشلاپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن تېز مېڭىش مەشىقىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

082613441846100006112296

3. بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋاقتى يوقلار ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە ئاۋۋال يېرىم سائەت مېڭىپ ئاندىن ماشىنا توسسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەر كۈنى جەمئىي بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.

4. يول يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق قىيىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش ئارقىلىق ئاستا يۈگۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك چېنىقتۇرۇپ، ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى