بالىلار ساغلاملىقى

كىچىك بالىلار كۈز پەسلىدە يۆتەلسە قانداق قىلىش كېرەك؟ (1)

 

082917080434000003902454

نېمە ئۈچۈن كۈز پەسلى كېلىشى بىلەنلا كىچىك دوستلار ئاسان يۆتىلىدۇ؟

يېقىندىن بۇيان ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆزگىرىشچان بولۇپ قالدى. كىيىم كىيىش جەھەتتە سەللا دىققەت قىلمىسا زۇكام بولۇپ قېلىش مۇمكىن، كىچىك دوستلارنى دېمەيلا قويايلى، چوڭلارمۇ ئېھتىيات قىلمىسا يۆتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن كۈز كېلىشى بىلەنلا يۆتەل كۆپىيىپ قالىدۇ؟ ياخشى بولغان يۆتەل توختىتىش ئۇسۇلى بارمۇ؟

كۈز پەسلىدە يۆتىلىش كۆپىنچە قۇرغاققا مايىل بولۇپ، كۈز پەسلىدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭىيىپ، كىلىماتنىڭ قۇرغاقلىشىشى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. قۇرغاق مۇھىت نەپەس يولىغا ئىنتايىن پايدىسىز. چۈنكى نەپەس يولى شىللىق پەردىسىدىكى تۈكچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ، چاڭ-توزان، باكتېرىيە قاتارلىقلار ئاسانلا شىللىق پەردىگە چاپلىشىپ، كېكىردەكنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى شىللىق پەردىسى ئاسانلا كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قۇرغاققا مايىللىق ئۆپكىگە ئەڭ ئاسان زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بىز ئۆپكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلمىساق، قۇرۇق يۆتىلىشنى ئاساس قىلغان يۆتەل كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۈز پەسلىدە يۆتىلىشنى ئۇۋۇلاپ تەڭشەش ئۇسۇلى

082917083712600003902454

1. تيەنمىن پەللىسىنى ئېچىش (开天门)

مەشغۇلات ئۇسۇلى: باش بارماق يۈزى بىلەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئالمىشىپ تۈز ئىتتىرىدۇ.

كۈچىگەندە تەكشى، سىلىق بولۇش، ئىتتەرگەندە رىتىملىق بولۇش، قېتىم سانى مىنۇتىغا 200~300 قېتىم، ئىتتىرىش قېتىم سانى 50~100 قېتىم بولۇش كېرەك.

 

082917091549300003902454

2. كەنگوڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاش(推坎宫)

مەشغۇلات ئۇسۇلى: ئىككى باش بارماقنىڭ يان تەرىپى ياكى بارماق يۈزى بىلەن قوشۇمىدىن قاش ئۇچىغا قاراپ ئىتتىرىدۇ.

كۈچىگەندە سىلىق، تەكشى بولۇش، ئىتتەرگەندە رىتىملىق بولۇش، قېتىم سانى مىنۇتىغا 200 ~300 قېتىم، ئىتتىرىش قېتىم سانى 20~50 قېتىم بولۇش كېرەك.

082917094964400003902454

3. شياۋخۇاڭۋېن پەللىسىنى ئۇۋۇلاش (推小横纹)

مەشغۇلات ئۇسۇلى: باش بارماقنىڭ يان تەرىپى ياكى بارماق يۈزىنى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ يان تەرىپىدىن كىچىك بارماقنىڭ يان تەرىپىگە تۈز ئىتتىرىپ بېرىشكە بولىدۇ.

ئۇۋۇلاش جەريانىدا كۈچەشنىڭ سىلىق، تەكشى بولۇشىغا دىققەت قىلىش، ئىتتەرگەندە رىتىملىق بولۇش، قېتىم سانى مىنۇتىغا 200~300 قېتىم،ئىتتىرىش قېتىم سانى 100~300 قېتىم بولۇش كېرەك.

082917101740400003902454

4. تيەنتۇ پەللىسىنى ئۇۋۇلاش (按揉天突)

مەشغۇلات ئۇسۇلى: باش بارماق ياكى ئالىقان تۈۋى بىلەن بەلگىلەنگەن ئورۇن ياكى پەللىنىڭ ئۈستىدىن ئاستا-ئاستا تۆۋەنگە كۈچەپ بېسىلىدۇ. باش بارماق ياكى ئوتتۇرا بارماق ئۇچى پەللىنى تارتىپ، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئوڭ يۆنىلىشى ياكى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ قارشى يۆنىلىشى بويىچە ئايلىنىپ ئۇۋۇلىنىدۇ.

مەشغۇلات قىلغاندا يەڭگىل ھەم تەكشى كۈچەش، قول بارماقلىرىنى تېگىشكەن تېرىدىن ئايرىۋەتمەسلىك، شۇ ئورۇندىكى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىنى بارماقلارنىڭ ئۇۋۇلىشىغا ئەگىشىپ سىيرىش، قېتىم سانى مىنۇتىغا 200 ~ 300 قېتىم بولۇش كېرەك.

مەشغۇلات قىلغاندا، باش بارماقنى تۈز سۇنۇش، باسقاندا چوقۇم تىك كۈچەش، ئاۋۋال ئاستا كۈچ بىلەن قايتا-قايتا بېسىش، ئۆز ئورنىدىن ئايرىلماسلىق كېرەك.

082917103964600003902454

5. ئۆپكە پەللىلىرىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش (揉肺俞)

مەشغۇلات ئۇسۇلى: كۆرسەتكۈچ ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئوڭ، سول ئۆپكە پەللىلىرىنى 50 ~ 100 قېتىم ئۇۋۇلاپ بېرىش.

مەشغۇلات قىلغاندا يەڭگىل ھەم تەكشى كۈچەش، بارماقلار تېگىشكەن تېرىدىن ئايرىلماسلىق، شۇ ئورۇندىكى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىنى بارماقلارنىڭ ئۇۋۇلىشىغا ئەگىشىپ سىيرىلدۇرۇش، تېرىگە سۈركىمەسلىك، قېتىم سانى مىنۇتىغا 200 ~ 300 قېتىم بولۇش كېرەك.

082917110634500003902454

6. ئومۇرتقىنى چىمدىش(捏脊)

مەشغۇلات ئۇسۇلى: باش بارماق كەينىدە، كۆرسەتكۈچ، ئوتتۇرا بارماق ئالدىدا، ئۈچ بارماق بىرلا ۋاقىتتا تېرىنى كۈچەپ چىمدىپ، ئىككى قولنى نۆۋەتلىشىپ سىيرىپ، ئاستا-ئاستا ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.

قۇيرۇق سۆڭىكىدىن تارتىپ بويۇن قىسمىدىكى چوڭ ئومۇرتقا پەللىسىگىچە بولغان ئارىلىقنى ھەر ئۈچ قېتىم سىيرىپ، يېنىك كۈچ بىلەن يۇقىرىغا بىر قېتىم كۆتۈرسە، بەزىدە« غىرىس-غىرىس» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، 3 ~ 5 قېتىمغىچە چىمدىپ، تېرە قىپقىزىل ھالەتكە كەلگەندە توختىسا بولىدۇ.

مەشغۇلات قىلغاندا تېرىنى چىمدىپ كۆتۈرۈشنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ۋە كۆتۈرۈش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولغاشقا بولمايدۇ، بەك چىڭ چىمدىپ كەتسە، ئالدىغا ئىتتىرىپ ماڭدۇرغىلى بولمايدۇ، ئاز بولۇپ قالسا، تېرىنى چىمدىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، ئەگرى-بۈگرى بولۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى