ساغلاملىق بىلىملىرى

رېماتىزملىق پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

رېماتىزم كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى پۇت-قول ئۇيۇشۇش بولۇپ، كۆپىنچە ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ، ھەرىكەت قىلىش ۋە شۇ ئورۇننى ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇت-قول ئۇيۇشۇش ئەھۋالىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بىمارلار تېزدىن داۋالىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بىمارلار ئادەتتە بېلىق، تۇخۇم، سۈت، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.

082715453529900016448506

پۇت-قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى، مەسىلەن توغرا بولمىغان ئۇخلاش ھالىتى، ھاجەتخانىدا ئۇزۇن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلار پۇت-قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپىنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا رېماتىزمدىن كېلىپ چىققان پۇت-قوللار ئۇيۇشۇپ قالسا قانداق داۋالاش كېرەك؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

082715542559900016448506

رېماتىزم بىلەن پۇت-قول ئۇيۇشۇش مۇناسىۋىتى

بەزى رېماتىزم كېسەللىكى پۇت-قول پالەچلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بوغۇملار قېتىۋېلىش، ئىششىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاسانلا قول ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئالامەتلەر ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن يېنىكلەيدۇ. ھالبۇكى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىدا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن بوغۇم ئاغرىقى پۇت-قوللارنىڭ ئۇچىدىكى كىچىك بوغۇملارغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا پۇتتا ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

082715482897700016448506

رېماتىزملىق پۇت-قول ئۇيۇشۇش كۆپىنچە ئۇخلاش ياكى ھەرىكەت ئازىيىش سەۋەبىدىن بوغۇم ئەتراپىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قىلىپ ياكى قان تولۇپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۇت-قول ئۇيۇشۇش كېلىپ چىقىدۇ، ئادەتتە ھەرىكەت قىلىش ياكى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى بوغۇملارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، يەنە بىمارلار بوغۇم ئورنى ۋە پۇت-قولىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇت-قولىنى ئىلمان سۇغا چىلاش قاتارلىقلار پۇت-قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى پەسەيتىدۇ. يەنە مۇۋاپىق مىقداردا قەنت-گېزەك، نېلۇپەر غولى تالقىنى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى ئىسسىق تۇتقىلى بولىدۇ.

082715492321300016448506

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، دائىم پۇت-قوللار ئۇيۇشۇپ قالىدىغان بىمارلارغا نىسبەتەن، ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۇۋلاش پەقەت كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ، لېكىن يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. يەنە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىمۇ پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ داۋالاش لازىم.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى