ساغلاملىق بىلىملىرى

كۈزدە تېرىڭىز قۇرغاقلاشسا بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىڭ

كۈز كىردى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، كىشىلەردە دائىم تېرە قۇرغاقلىشىش، ئېغىز قۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك ئۆزىنى ئاسراشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، ھەر كۈنى كۆپرەك سۇ ئىچىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ساغلام بەدەنگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

090501513231200016448506

1. پۇرچاق سۈتى

پۇرچاق سۈتىدىكى دادۇر ئاقسىلىنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى سۈت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ ھەمدە ماي تەركىبى تۆۋەن بولىدۇ، ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان كۆكتات ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ پۇرچاق سۈتى تەييارلىغاندا، ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچسە، ئوزۇقلۇق قىممىتى تىخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

090501514474000016448506

2. نېلۇپەر ئۇرۇقى

نېلۇپەر ئۇرۇقى جۇڭيى تېبابىتى دورىسىغا تەۋە بولۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلاش رولى بار، چارچىغاندا سۇغا چىلاپ ياكى شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىپ، بەدەننىڭ چارچىشىنى ياخشىلايدۇ. نېلۇپەر ئۇرۇقى ئىسسىقنى ھەيدەپ، يۈرەكنى ئاسراپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.

090501515733200016448506

3. كاۋا

كاۋىنىڭ مېۋە يېلىمى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، يىرىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاۋا جۇڭيى تېبابىتىدە قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقىنى ياخشىلايدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كاۋا قاتلىمىسى پىشۇرۇش، كاۋىدا موما پىشۇرۇش، كاۋا ئۇماچى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ. چاقما كاۋا قۇۋۋەت تولۇقلاپ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ

090501520760100016448506

4. كۈنجۈت

كۈنجۈتنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىغا تەۋە، تېرىنى سىلىقلاش رولىغا ئىگە. ئادەتتە قارا كۈنجۈت تالقىنى، كۈنجۈت كومىلىچى، كۈنجۈت مېيى قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە، تېرىنى ياخشىلايدۇ.

090501522115600016448506

5. ئاق قېرىنقۇلاق

ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، تالنى قۇۋۋەتلەپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ ئۈچەينى تازىلايدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىپ، ماينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ. كۈندىلىك تاتلىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا، ماي تەركىبى تۆۋەن بولۇپ، ئاسان سەمىرتمەيدۇ.

كۈز پەسلى بىر قەدەر قۇرغاق، بىز كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ئاياللار كۈندىلىك تېرە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ھەمدە كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى