ساغلاملىق بىلىملىرى

بېسىم بەك چوڭ بولسا پۈتۈن بەدەن تارتىشىدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟

090322072135100016448506

دائىم جىددىيلەشكەندەك ھېس قىلسىڭىز، دائىم ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز، ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، دائىم بېشىڭىز ئاغرىسا، دىققىتىڭىزنى يىغالمىسىڭىز بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلكىم بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن، ئۇزۇن مۇددەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا جاپالىق خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، شەخسنىڭ پىسخىكىسى ۋە فىزىيولوگىيەسىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، ھەرىكەت قىلىش، سىرتتا سەيلە قىلىش ياكى ئارام ئېلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھەممىسى ياخشى بولغان بېسىمنى يېنىكلىتىدىغان ياخشى ئۇسۇل!

ئەگەر يېمەكلىككە تايىنىپ بېسىمنى يېنىكلەتمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن توغرا ئوزۇقلۇق تولۇقلىشىڭىز كېرەك. دائىم ئۇچرايدىغان بېسىم يېنىكلىتىدىغان يېمەكلىكلەر:

090322073291400016448506

1. تەركىبىدە ترىپتامىن كىسلاتاسى ياكى كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەر: بۇ خىل يېمەكلىكلەر نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇشقا، ھارغىنلىقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق، مەسىلەن سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، دادۇر مەھسۇلاتلىرى، بېلىق، دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىقلار.

2. تەركىبىدە ماگنىي مول بولغان يېمەكلىكلەر: ماگنىي مۇسكۇللارنى بوشىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن بانان، كۈنجۈت، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قېنىق رەڭلىك كۆكتات، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار بار.

3. ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەر: ۋىتامىن B ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزمى ۋە نېرۋا يەتكۈزۈش فۇنكسىيەسىگە قاتنىشىدىغان مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك چارچاشنى ياخشىلايدۇ، تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات مەنبەلىك ئاقسىل، قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتات، دانلىق زىرائەتلەر قاتارلىقلار بار.

090322074471300016448506

4. DHA (مېڭىگە ئىنتايىن مۇھىم تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى): چوڭ مېڭىنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، كۆرۈش نېرۋىسىغا ناھايىتى پايدىلىق. چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى، مەسىلەن ماككېرېل بېلىقى، سالمون بېلىقى قاتارلىقلار ياكى ئۆسۈملۈك زىغىر يېغىدا بۇ خىل ماددا مول بولىدۇ.

ئادەتتە بەدەننى بوشىتىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، بەدەننىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى