ساغلاملىق بىلىملىرى

ھامىلە بىلەن ئانا تېنى ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق جەڭ

بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئانىسىنىڭ باغرىدا تېپىچەكلىگەن بۇ كۆرۈنۈشنىڭ قانچىلىك ئىللىق ئىكەنلىكىنى پەقەت بىر ئانىلارلا بىلىدۇ. نۇرغۇن ھامىلىدار ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ، قەلبى ھاياجان ۋە ئىنتىزارلىق ھېسىياتىغا تويۇنغان بولىدۇ. قورسىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭايغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر كىچىك ھاياتلىقنىڭ ئۆز تېنىدە يېتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھاياجانلىنىشلار بىر خىل يۈزەكى كۆرۈنۈش خالاس، ئانا ئۆز ئېڭىدا ھامىلىنى قوغداۋاتىمەن دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئانىلاردىكى تۇغما ھېسىيات، شۇنداقلا ئادىمىيلىكنىڭ روشەن ئىپادىسى. ئەمما سىز بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، تۇغۇلمىغان بارلىق ھامىلىلەر ئەمەلىيەتتە قورساقتىكى ۋاقتىدىلا ئانىسىنى ئۆلۈم گىردابىغا دۇچار قىلىدۇ (مەزمۇنغا ئىلمىي كۆز قاراشتا مۇئامىلە قىلىڭ).

090317231085700011258337

بىرىنجى قېتىملىق «جەڭ»

بالىنىڭ «شەخسىيەتچىلىكى» بالىياتقۇدىكى ۋاقتىدا ئەڭ روشەن بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئانا تېنىدە پەيدا بولىدىغان قۇسۇش قاتارلىق بىئارامسىزلىق ئىنكاسلىرى بۇ «ئۇرۇش»نىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئايلاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن بالىياتقۇ ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۈزۈپ يۈرىيدۇ، پەقەت مۇۋاپىق ئورۇن تاپقاندىلا ئاندىن ئورۇنلىشىدۇ. ئەمما ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يېرىمى ئەر تەرەپتىن كېلىدىغان بولغاچقا ئانا تېنىدە تەبىئىي يەكلەش رېئاكسىيەسى ۋە ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ دىۋارىغا ئورۇنلاشماقچى بولغاندا ئانا تېنى ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنى قوزغاپ ئۇنى چىقىرىۋەتمەكچى بولىدۇ. بۇ ئانا تېنىنىڭ تۆرەلمىگە قىلغان بىرىنجى قېتىملىق «ھۇجۇم»ى. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان قۇسۇش ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە دەل بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ بالىياتقۇغا غەيرى ماددىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنىڭ سىگنالى.

090316535292200011258337

ئىككىنجى قېتىملىق «جەڭ»

ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمە قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟

ئالدى بىلەن ئۇ بىر خىل ئالاھىدە ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلىرىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئانا تېنىدىكى لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلاپ، لىمفا ھۆجەيرىلىرىنىڭ يەكلەش رېئاكسىيەسىنى توسىدۇ. ھامىلىدارلىق سىنىقى ئېلىپ بارغان ئانىلار چوقۇم بۇنىڭغا ناتونۇش ئەمەس، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدارنىڭ تېنىدىكى بۇ ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ، مانا بۇ ھامىلىدار بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر. نۇرغۇنلىغان ئانىلارنى ئازابلايدىغان تەبىئىي بويىدىن ئاجراشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولسا ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش بولۇپ، ئانا تېنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ھامىلىنىڭ قارشىلىقىنى يېڭىپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ھامىلىدارلىق مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نۇرغۇن ئانىلاردا مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، يەنى تۇيۇقسىز مەلۇم نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىپ كېتىش، مانا بۇ بىز دائىم دەيدىغان سېزىك مەزگىلى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ھامىلە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى تۆرەلمىلەرنىڭ يېتىلىش باسقۇچى نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇقلارغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر ئانا تېنىدە مەلۇم خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولغاندا، بالا ھەمراھى ئانا تېنىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بىر خىل ھورمۇن قويۇپ بېرىپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئانا تېنىنى مەجبۇرىي تىزگىنلەپ، ھامىلە ئېھتىياجلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلىغۇزىدۇ.

090317011396400011258337

بۇ ۋاقىتتا ئانا تېنى قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق بەك ئاز بولۇپ قېلىپ، ئىككى ئادەمنىڭ نورمال ھاياتلىق پائالىيىتىگە يېتىشمىگەندە، بالىياتقۇ ئىچىدىكى «جەڭ» رەسمىي باشلىنىدۇ، بۇ چاغدا بەدەن ئىچىدە بالا ھەمراھىنىڭ دېگىنى ھېساب. ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق غەلىتە ھادىسىنى كۆرگەن بولسا كېرەك. يەنى ھامىلىدار ئاياللار قورساق كۆتۈرۈپ بوشانغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەسلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى زور دەرىجىدە چۈشكەن، ئەمما تۇغۇلغان بوۋاق ساغلام ھەم سېمىز؛ يەنە شۇنىڭدەك بەزى ھامىلىدار ئاياللار قورساق كۆتۈرگەندە گەرچە نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلىغان بولسىمۇ، نەتىجىدە بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى ناھايىتى يېنىك، لېكىن ئانىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى خېلىلا ئاشقان. دېمەك بالا ھەمراھى ئانا تېنى بىلەن ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا باش «رېپىر»دۇر. لېكىن سىزنىڭچە ھامىلە بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بەرمەي قالامدۇ؟ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ھامىلە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇقلارنى «تارتىۋېلىش» ئۈچۈن ئانىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قاندىكى ئوزۇقلۇقنىڭ بالىياتقۇغا ئېقىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان شېرىكى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بالىياتقۇدىكى ھامىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەممىسى پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە «ئۈندۈرىۋېلىش» ئۈچۈندۇر.

090317132762100011258337

ئۈچىنجى قېتىملىق «جەڭ»

ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى، ئەگەر ئانىنىڭ بەدىنىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نورمالسىزلىقى دېگەندەك مەسىلە كۆرۈلسە، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ داۋاملىق ياشىشى ئۈچۈن بالا ھەمراھى ئۆزلۈكىدىن بالىياتقۇ مۇسكۇلىنى پارچىلاپ، بالىياتقۇنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا داۋاملىق سىلجىيدۇ. مانا بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بالا ھەمراھى يىلتىز تارتىش كېسىلىدۇر. ئەگەر بۇنداق مەسىلە كۆرۈلسە بوشانغان تۇغۇتلۇق ئاياللاردا قاناش، شوك بولۇپ قېلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

090317333126800011258337

لېكىن بەختكە يارىشا ئانا تېنىنى قوغداش ئۈچۈن بالىياتقۇمۇ ئوخشاشلا قارشى تۇرىدىغان تەدبىرلەرنى ھازىرلىغان. بالىياتقۇ ھەر ۋاقىت ھامىلىدىن «ھوشيار» ھالەتتە تۇرىدۇ ۋە ئۇنى كۆزىتىدۇ. ئەگەر ھامىلىنىڭ ئانا تېنىدىكى ئوزۇقلۇقنى زىيادە كۆپ سۈمۈرىۋالغان ياكى مەلۇم خىل ساغلام بولمىغان كېسەللىك ئالامىتىنى بايقىغان ھامان دەرھال ھامىلىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ ھەمدە ئۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، مانا بۇ ھامىلە چۈشۈپ كېتىش. ھەر ۋاقىت ھامىلىنى چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسى ھەر ئايدا بىر قېتىم چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ بولسا ئاياللاردىكى ھەيز كېلىش. گەرچە جەريان ئازاپلىق بولسىمۇ، ئەمما ھامىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بالىياتقۇ مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

090317293214400011258337

شۇڭا ئادەتتىمۇ ھامىلە ئانا تېنىنىڭ ھاياتىغا دەھدىت سالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئانا-بالىنى تەڭ ساقلاپ قېلىشقا ئامال بولمىغاندا، دوختۇرلار ئالدى بىلەن ئانىنى ئاۋۋال ئويلىشىدۇ، ئاندىن كېيىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى قۇتقۇزىدۇ. لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ پۈتۈن دۇنيادا ھەر كۈنى دېگۈدەك نۇرغۇن ئاياللار يەنىلا تۇغۇتى قىيىن بولۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

090317344924300011258337

شۇڭا يىگىتلەر ئاياللىرىنى كۆپرەك ئاسرىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە تۆرەلمە بالىياتقۇغا ئورۇنلاشقاندىن باشلاپ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئانا تېنى بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھايات قېلىش! بالىياتقۇدىكى «جەڭ»دە مەيلى ئانا مېھرىبان بولسۇن ياكى ئادىمىيلىك ئەخلاققا بېرىپ ياتسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ گېن، گېننىڭ ئەڭ تىپىك خۇسۇسىيىتى شۇكى، ھاياتلىق كۈرىشىدە ئۇ تولىمۇ شەخسىيەتچى.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى