ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇزۇن مۇددەت توك چەينەكتە قاينىتىلغان سۇنى ئىچكەندە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

 

توك چەينەكنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ھەممە ئۆيلەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر دائىم توك چەينەكتە قاينىغان سۈيىنى ئىچسە سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يېتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

091215184866500017234601

ئۇزۇن مۇددەت توك چەينەكتە قاينىتىلغان سۇنى ئىچكەندە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان توك چۆگۈننىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ توك جەينەكنىڭ پاسونىمۇ سەرخىللاشتى. گەرچە كۆپ ساندىكى توك چۆگۈننىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان چۆگۈننىڭ باھاسى سەل قىممەترەك، چۈنكى بۇ خىل ماتېرىيال نىسبەتەن ياخشى بولۇپ، بەدەنگە ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. شۇڭا بەزىلەر دائىم باھاسى ئەرزان توك چۆگۈندە قاينىتىلغان قايناق سۇ بەدەنگە زىيانلىق دەپ قارايدۇ، چۈنكى ھازىر بازارلاردا سۈپەتسىز توك چەينەكلەر ناھايىتى كۆپ، گەرچە سۈپەتسىز توك چۆگۈننىڭ باھاسى ئەرزان بولغىنى بىلەن سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، ئۇنداق سۈپەتسىز توك چەينىكىدە سۇنى قاينىتىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا مانگان ئېلېمېنتى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم بۇنداق سۈپەتسىز توك چەينىكىدە سۇ ئىچكەندە، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار.

ئەگەر ئەرزان، سۈپەتسىز توك چەينىكىنى ئىشلىتىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سىزدە دائىم پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، بەلكىم توك چەينىكىدە سۇ قاينىتىش جەريانىدا ئاجرىلىپ چىققان مانگان ئېلېمېنتىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىدىن يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بىخەتەرلىك كاپالىتى بولمىغان بۇ كىچىك ئېلېكتىر سايمانلىرىنى دائىم ئىشلەتكەندە، بەدەندىكى مانگان ئېلېمېنتنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تېزلىتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا توك چۆگۈننى تاللاپ سېتىۋالغاندا، ئىمكانقەدەر مۇنتىزىم زاۋۇتلاردا ئىشلەپ چىقارغان توك چەينەكنى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

091215194882300017234601

توك چەينەك سېتىۋالغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. توك چەينەكنىڭ ئىچكى دىۋارىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
كۆپچىلىكنىڭ ئادەتتە توك چۆگۈننى سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن توك چۆگۈننىڭ ئىچىدىكى سۇ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان ئىچكى دىۋارىنىڭ سۈپىتىگە قاراش كېرەك. پەقەت بىر قەدەر بىخەتەر بولغان چۆگۈننى تاللىغاندىلا، ئاندىن قايناۋاتقان سۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەمدە بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2. ئاممىغا تونۇشلۇق ماركا ياكى سۈپىتى كاپالەتكە ئېرىشكەن چەينەكنى تاللاش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ توك چۆگۈننى سېتىۋالغاندا، ئىمكان بار چوڭ زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولغان توك چۆگۈننى سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ھەر خىل ماركىلىق سۈپەتسىز توك چۆگۈندىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك، چۈنكى سۈپەتسىز توك چۆگۈننىڭ باھاسى بىر قەدەر ئەرزان، بىخەتەرلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. شۇڭا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، توك چەينىكىنى تاللىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى