
1- ئاجىز تومۇرقولغا ئاجىز ۋە ۋە بوش ئۇرۇلىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2- ئاستا تومۇر بۇ قولغا ئاستا ئۇرۇلىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەنگە ساپ ھاۋانىڭ يېتەرلىك تەمىنلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
3- بازغانسىمان تومۇر
بارماققا نورمال ئۇرۇلۇپ بولۇپ ئارقىغا بىر ئاز قايتىپ مەركەزگە بارماي تۇرۇپلا كېڭىيىپ ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ھاياتلىق كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەدەننىڭ ھاۋاغا ئىھتېياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
4- بۇزۇلغان ۋەزنىلىك تومۇر
كىشىگە خاس بولمىغان ياكى باشقا بىر كىشى ۋە باشقا بىر خىل ھالەتتە بولىدىغان تومۇرغا ئوخشاپ قالغان تومۇرنى كۆرسىتىدۇ.
5- بۇزۇلغان ۋەزنىلىك تومۇر شۇ كىشىگە خاس بولمىغان ياكى باشقا بىر كىشى ۋە باشقا بىر خىل ھالەتتە بولىدىغان تومۇرغا ئوخشاپ قالغان تومۇرنى كۆرسىتىدۇ.
6- پەرقلىق تومۇر
بىر خىل ئۇرۇلمايدىغان تومۇر بولۇپ، بۇ ھاياتلىق كۈچىنىڭ نورمالدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
7- پەش (چۆكمە) تومۇرlبۇ ھارارەتنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
8- تەكشى تومۇر
تومۇرنىڭ ھەر خىل كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىر خىل (تەكشى) ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
9- تەكشىسىز تومۇرتومۇردىكى مەلۇم بىر كۆرسەتكۈچنىڭ نىسپىي تەكشىسىلىكىگە ئېيتىلىدۇ.
10- تولۇق تومۇر
:بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
11- توم تومۇر
, بەدەندە سۇيۇقلۇقنىڭ ككپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2 1تىترىمە تومۇر بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ زىيادىلىكى بىلەن بىللە كېسەللىكنىڭمۇ يېنىك ئەمەسلىكىنى، ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
13- جۇپ تومۇر
ئۇزۇن بىلەن توم، توم بىلەن ئۈستۈن، توم بىلەن قىسقا بىللە كەلگەن تومۇرغا ئېيتىلىدۇ.
14- جىملىق (سۇكۇن)
تومۇر ئاتالغۇسى بولۇپ، يۈرەك قىسقىرىش بىلەن كېڭىيىش ئارىلىقىدى نىسپىي جىملىقنى كۆرسىتىدۇ
ھەرىكەتنىڭ ئەكسى بولغان جىملىقنى كۆرسىتىدۇ. جىملىق ۋە ئارام ئارقىلىقلا ھەرىكەتكە كېرەكلىك قۇۋۋەتنى توپلىيالايدۇ. جىملىق _ ئىنسان ھاياتىغا زۆرۈر بولغان قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
15- چاشقان قۇيرۇقىسىمان تومۇر:تومۇر پەيدىن _ پەي بىردىنلا پەسىيىپ كېتىدىغان ياكى پەسەيگەندىن كېيىن يەنە پەيدىن _ پەي ئوڭشىلىپ قالىدىغان تومۇر بولۇپ، پەسەيسە يامانلىقنىڭ، تەرتىپكە چۈشسە ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.
16- چۈمۈلىسىمان تومۇر
بارماققا چۈمۈلە ئۆمىلىگەندەك تۇيۇلىدىغان تومۇر بولۇپ، بەدەننىڭ ساپ ھاۋاغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئەگەر ساپ ھاۋالىق جايغا بارالمىسا ھاياتىنىڭ خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
17- دولقۇنسىمان تومۇر
ئېگىز _ پەس، ئۇدۇلىغا ۋە توغرىسىغا دولقۇنلاپ سالىدىغان تومۇرنى كۆرسىتىدۇ.
18- سوغۇق تومۇر
. بەدەن ھارارىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
19- سۇس تومۇر) ئارتۇقچە زورۇقۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بەدەندە كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، قالايمىقان تاماق يېيىش، تۇنجۇقۇش ۋە ھۇشسىزلىنىشلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
20- قاتتىق تومۇر قولغا قاتتىق ئۇرۇلغان قاتتىق تومۇر بەدەنگە قۇرۇقلۇق يەتكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
21- قوش باشلىنىشلىق تومۇر تومۇر ھەرىكەت باسقۇچىدا سۈكۈت پەيدا بلىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىغانلىقى دالالەت قىلىدۇ.
22- قوشۇمچە بەلگىلەر (ئالاماتى شىركى)
كېسەللەنگەن ئورۇندا ئەمەس بەلكى باشقا جايدا ئىپادىلىنىدىغان پەۋقۇلئاددە بەلگىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
23- قىسقا تومۇر4 قولغا قىسقا _ قىسقا ئۇرۇلغان تومۇر ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
24- كۈچلۈك تومۇر
9 قولغا كۈچلۈك ئۇرۇلغان تومۇر ھاياتلىق كۈچىنىڭ ئارتۇقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
25- كېچىككەن تومۇر
9 تەبىئەت بىلە كېسەللىكنىڭ جىددىي ئېلىشقان (بۆھران) كۈنلىرىدىكى تومۇرنى كۆرسىتىدۇ.
26- كىچىك تومۇر
$ئىچكى ئەزا ئىششىقى ھەمدە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش، جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش قاتارلىق كېسەللىك ۋە قالايمىقان تۇرمۇش ئۇسۇلى مۇشۇ خىلدىكى تومۇرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
.
27- لەيلىمە (ئۈستۈن) تومۇر
Iبەدەندە ھارارەت ۋە ئىسسىق يەلنىڭ يۇقىرىلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
28- مەخسۇس بەلگىلەر (ئالاماتنى خۇسۇسىي)
tشۇ كېسەللىككە خاس بولغان تىپىك بەلگىلەرنى ۆكرسىتىدۇ.
29- مۇنتىزىم تومۇر تومۇرنىڭ ئۆزلۈكسىز ھەرىكىتى داۋامىدا بىر ياكى بىردىن ئارتۇق دەۋرنى ساقلاپ قالغانلىقىغا قارىتىلغان.
30 ناتوغرا نەپەس- ئۇزاق جىملىقتىن كېيىن داۋاملىشىدىغان بىر نەپەسنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئېغىر كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.
31- نامۇنتىزىم تومۇر: ئىككى دەۋر ئىچىدە تېزلىكىنى بىردەك ساقلاپ قالالماي ئۆزگىرىپ كېتىدىغان تومۇرنى كۆرسىتىدۇ.
32- نورمال ۋەزنىلىك تومۇر3 قولغا نورمال ئۇرۇلغان تومۇر جىنسىي، مۇھىت، تەن قۇرۇلۇشى، مىللەت ۋە پەسىل ئېتىۋارىدىن شۇ كىشىگە خاس بولغان ساغلاملىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
33- ھەرەچىشىسىمان تومۇر بۇ كۆكرەك پەردە ياللوغىنىڭ مەخسۇس ئالامىتى بلۇپ، تومۇر قالايمىقان ۋە ھەرە چىشىدەك تەرتىپسىز ئېگىز _ پەس سالىدۇ.
34- ئۇزۇن تومۇر
قولغا ئۇزۇن – ئۇزۇن ئۇرۇلغان تومۇر ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
35- ئۆلچەمسىز تومۇر تۇرۇپ ئۇدۇلغا، تۇرۇپ يانغا سالىدىغان تومۇر بولۇپ، قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى، ھاجەتنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
36- ئۆلچەملىك تومۇر
تومۇرنىڭ بىر ھالدا سوقۇۋاتقانلىقى بولۇپ، ھاجەتنىڭ تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىپ غەلبە قىلالمىغانلىقى يەنى ئارمانغا چۇلۇق دەرمان بولماي ئاخىرى ئىزغا چۈشكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
37- ئۈستۈن تومۇر1 تېرە تەرىپىگە كۆتۈرۈلۈپ سوقىدىغان تومۇر بولۇپ، بۇ ھارارەتنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
38- ئۈچ بىرلەشمە تومۇرئۇزۇن بىلەن قىسقا، توم بىلەن ئىنچىكە، ئۈستۈن بىلەن تۆۋەن تومۇرنىڭ بىرگە كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۆلۈمنىڭ بەلگىسىدۇر.
.
39- ئىككى چوققىلىق تومۇر
نورمالدەك ھېس قىلىنسىمۇ بىراق ئىككى نۆۋەتلىك تومۇر قاتتىق سوقۇپ، ئارىلىقتا جىدىي جىمجىتلىق كۆرۈلىدۇ. بۇ ھاجەتنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
40- ئىنچىكە تومۇر
قولغا ئىنچىكە ئۇرۇلغان تومۇر بەدەندە قۇرۇقلىقنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
41يۇمشاق تومۇر
يۇمشاق ئۇرۇلغان تومۇر بەدەندە ھۆللۈكنىڭ غەلبە قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ