ساغلاملىق بىلىملىرى

كۈز پەسلىدە تېرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

091920575786800000015581

كۈز پەسىلى كىرگەندىن كېيىن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭىيىپ، ھاۋانىڭ نەملىكى تۆۋەنلەيدۇ، ھاۋا بارغانسېرى قۇرغاقلىشىپ، ھاۋادىكى چاڭ-توزان، بۇلغىما ماددىلارمۇ كۆپىيىدۇ، تېرىدە زىيادە سەزگۈرلۈك كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرە دائىم قىچىشىپ، قىزىرىپ ئىششىيدۇ، گىرىم قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، تېرىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك گۈزەللىك سۆيەر خانىم-قىزلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلىنىدۇ.

كۈز پەسلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان تېرە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق ياخشى چارىلىرى بار؟ قانداق قىلغاندا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى توغرا تاللىغىلى بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كۈز كىرگەندىن كېيىن تېرىدە زىيادە سېزىمچانلىقى كۆپ يۈز بېرىدۇ؟

كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋادىكى سۇنىڭ مىقدارى ئازىيىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشمۇ تەدرىجىي ئاستىلايدۇ، تەر بېزى ۋە تېرە ياغ بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىمۇ ئازىيىپ، تېرە ئاسان قۇرغاقلىشىپ، تېرە يېرىلىش كۆرۈلىدۇ، نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى غىدىقلىنىپ، تېرە سەزگۈرلۈكى پەيدا بولىدۇ.

091920581314400000015581

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەسىل ئالماشقاندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەيدۇ. قۇم-بوران، چاڭ-توزان، قىسمەن ناچار سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇملىرى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە دورىسى قاتارلىق سىرتقى غىدىقلاشلار قۇرغاق تېرىدە تېرە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىپ، قىزىل داغ، كېپەك چۈشۈش قاتارلىق تېرە زەخىملىنىش ۋە تېرە قىچىشىش، قۇرغاقلىشىش، چىڭقىلىش، يېرىلىش ۋە كۆيۈش سېزىمى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۈز پەسلىدە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ چۈشۈشى بىر قەدەر كۈچلۈك، بولۇپمۇ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00كىچە بولغان ۋاقىتتا، ئۇزۇن ۋاقىت سىرتتا پائالىيەت قىلىشمۇ تېرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم تېرە كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ.

كۈز پەسلىدە ئاساسلىقى قايسى تېرە مەسىلىلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

091920584012200000015581

1. تېرە قىچىشىش

كۈز كىرگەندىن كېيىن تېرە قۇرغاقلىشىپ، تېرە قىچىشىش كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: قىچىشقاندا ھەددىدىن زىيادە تاتىلاشقا بولمايدۇ، زىيادە ئىسسىق سۇدا يۇيۇشقا بولمايدۇ، ئىلمان سۇدا يېنىك ئۇۋۋۇلاپ يۇيغاندىن كېيىن تېرە ئاسراش مەلھەملىرىنى سۈرۈشكە بولىدۇ. سۈپىتى ياخشى ھەم ئازادە كىيىملەرنى كىيىش كېرەك، خىمىيەۋى تالالىق كىيىملەر ئاسانلا تېرە قىچىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. قىچىش ئېغىر بولغانلار زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلارنى قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ھورمۇنلۇق مەلھەم دورىلارنى سىرتتىن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا تېرە يىگلەش، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

091921011965900000015581

2. پۇت-قوللار يېرىلىش

پۇت-قوللارنىڭ يېرىلىشى ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان پۇت-قوللارنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ ۋە يېرىلىپ، ئاغرىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كۈز ۋە قىش پەسلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى.

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئەمگەك قىلغاندا پەلەي كىيىۋېلىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، سىر قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەكتە سەۋزە، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، كۆكتات، جىگەر، بېلىق قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، ماي ۋە شېكەر تۈرىدىكى تېرە ياغ بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. پۇت-قوللار يېرىلغان بولسا، سىرتتىن ئىشلىتىدىغان مەلھەم دورىلارنى ئىشلىتىش، ئېغىر بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

091921015013500000015581

3. ھۆل تەمرەتكە

ھۆل تەمرەتكە بولسا كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك تېرىنىڭ قوغداش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراپ، سىرتقى مۇھىتتىكى زىيانلىق ماددىلار ياللۇغلىنىش رېئاكسىيىلىرىنى پەيدا قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، مەسىلەن: باكتېرىيەلەرنىڭ تېرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك، ئوتتۇرھال خاراكتېرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق تېرە زەخىملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھۆل تەمرەتكىنى بەدەن ۋە ھاۋادىكى نەملىكنىڭ يۇقىرى بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تېرە زىيادە قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، تېرىنىڭ قوغداش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراپ، ھۆل تەمرەتكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كۈز، قىش پەسىللىرىدە تېرە قۇرغاقلىشىپ، ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ ئاشىدۇ.

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ھۆل تەمرەتكە بار بىمارلار كۈز پەسلىدە تېرىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى، زىيادە سېزىمچان ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئازايتىشى، تېرە ئاسراشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

091921024312100000015581

4. بېلىق قاسرىقى كېسىلى

بېلىق قاسرىقى كېسەللىكى ئىرسىيەتلىك تېرە كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى تېرە قۇرغاقلىشىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ كېسەل بالا ۋاقتىدا قوزغىلىدۇ، ئاساسلىقى پۇت-قولنىڭ تېرىسى قۇرغاق، يىرىك بولىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشى بېلىق قاسرىقىسىمان ياكى يىلان تېرىسىسىمان بولىدۇ. سوغۇق، قۇرغاق پەسىللەردە ئېغىرلىشىپ، ئىللىق، نەم پەسىللەر پەسىيىدۇ. ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ.

بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: بېلىق قاسرىقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش، يۇيۇنۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تېرىنى نەمدەش، مەلھەم دورا قاتارلىقلارنى سۈركەش كېرەك.

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تېرىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

1. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

2. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى توغرا ئىشلىتىش

3. ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى