ساغلاملىق بىلىملىرى

سۆڭەك شالاڭشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى ۋە ناچار ئادەتلەر

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى، مېيىپ بولۇش نىسبىتى ھەمدە ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھېچقانداق ئاغرىش ۋە غەيرىيلىك ئالامىتى بولمايدۇ، ئەمما كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئومۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇپ، ئادەم ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا سۆڭەك شالاڭلىشىش زادى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

091915445497100000029482

1. ئىرسىيەت

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشى ئىرسىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى سۆڭەك ماددىسى بەلگىلىك ئىرسىيەت خاھىشىغا ئىگە. ئەگەر ئانا ياكى دادا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، ئۇنداقتا پەرزەنتلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

2. ياش قۇرامى

تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ سۆڭەك مىقدارى ئاستا-ئاستا ئېشىپ، 35 ياشقا كىرگۈچە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، 35 ياشتىن كېيىن سۆڭەك مىقدارى بارا-بارا ئازىيىشقا قاراپ ماڭىدۇ. ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن، سۆڭەك مىقدارىنىڭ ئېقىپ كېتىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

091915450935500000029482

3. كېسەللىك ئامىلى

ئادەم بەدىنىدە نەچچە يۈز خىل ھورمۇن ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ خىل ھورمۇنلار سۆڭەكنىڭ يېتىلىش مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزملىق كېسەللىكلىرى ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، قالقانسىمان يان بەز ۋە قالقانسىمان بەز كېسەللىكى قاتارلىقلار.

4. دورا خاراكتېرلىك ئامىللار

كۆپ خىل دورىلار سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاجىزلىتىپ، سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئېقىپ كېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. مەسىلەن تۇتقاقلىق كېسىلىگە قارشى دورىلار، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار ۋە ھەر خىل ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار قاتارلىقلار.

091915452339400000029482

5. ناچار تۇرمۇش ئادىتى

تەركىبىدە كوفېئىن بولغان ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش، تاماقنى ھەددىدىن زىيادە ئازايتىش، تاماق تاللاش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، كېچىچە تۈنەش ۋە ھەرىكەت كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشى ۋە ئوزۇقلۇقتىن پايدىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قايسى ناچار ئادەتلەر سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟

1. تاماكا چېكىش

ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەكسە، قان تومۇرنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، كالتسىي ۋە فوسفور قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈلمەي، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

091915454384600000029482

2. ئاپتاپقا قاقلىنىش كەمچىل بولۇش

بەدەننىڭ ۋىتامىن Dغا ئېرىشىشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە ھەم ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ئىبارەت. قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىنى غىدىقلاپ، ۋىتامىن Dنى سىنتېزلاپ، ئۈچەينىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ كالتسىينىڭ سۆڭەكتە چۆكۈشىگە پايدىلىق.

3. ھەرىكەت ئاز بولۇش

مۇۋاپىق ھەرىكەت سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، سۆڭەكنىڭ ھاسىل بولۇشى ياكى ئۆسۈشىگە پايدىلىق. ئەمما ھەرىكەت كەمچىل بولسا، سۆڭەك يېتەرلىك غىدىقلىنىشقا ئېرىشەلمەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۆڭەكنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇزاق ئولتۇرماسلىق ياكى ئۇزاق ئۆرە تۇرماسلىق كېرەك.

091915471511300000029482

4. ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى

گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەددىن زىيادە ئىستېمال قىلىش، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەر، قېنىق چاي ۋە قېنىق قەھۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاراقنى چەكلىمىسىز ئىچكەندە، سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ كالتسىي ۋە ماگنىينى سۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى ۋە كۆپ خىللىشىشىغا دىققەت قىلىش، يۇقىرى كالتسىيلىق ۋە يۇقىرى ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا ۋە ھاراق تاشلاش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى