ساغلاملىق بىلىملىرى

ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە راك پەيدا قىلغۇچى «ئاسىي» ھۈجەيرىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

ھەممىمىزنىڭ بەدىنىدە راك ھۈجەيرىسى بار. دۆلەت راك كېسىلى مەركىزى ئېلان قىلغان «2019-يىللىق جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى راك كېسىلى دوكلاتى»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، يەنى ھەر مىنۇتتا 7.5 ئادەمگە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلىدىكەن.

092001502519100000029482

1. راك ھۈجەيرىلىرى سىرتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىدىن كېلىدۇ

راك كېسىلى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم نىسبەتەن ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. راك كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى بۇ ھۈجەيرىلەر ھەرگىزمۇ سىرتتىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بەدىنىمىزدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ھۈجەيرىلەر بولۇپ، پەقەت كونتورولىقنى يوقىتىپ، بەدىنىمىزگە ئاسىيلىق قىلغان ھۈجەيرىلەردۇر.

092001503245900000029482

پاتولوگلار جەسەتلەرنى كۆپلەپ ئاناتومىيە قىلىش ۋە پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۆلۈش سەۋەبى ئوخشاش بولمىغان ھەربىر ئادەمنىڭ تېنىدىن راك ھۈجەيرىلىرىنى تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىراق، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەملەر تېنىدىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، راك ئۆسمىسى شەكىللەندۈرگىدەك ھالەتكە يەتمىگەن. بۇ ھۈجەيرىلەرنى پەقەت پاتولوگىيەلىك كەسمىلەرنى مىكروسكوپ ئاستىدا چوڭايتقاندىن كېيىن ئاندىن كۆرگىلى بولىدىكەن. تېببىي ئالىملار بۇ ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى راك ھۈجەيرىلىرىنى «مىكرو راك» دەپ ئاتىغان. دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پاتولوگىيە كافېدراسى ھەتتا بىر ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ ئاشقازىنىدىن راك ھۈجەيرىلىرىنى تەكشۈرۈپ بايقىغان.

092001504031600000029482

بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، بىزنىڭ بەدىنىمىز نەچچە يۈز مىليارد ھۈجەيرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر قايسى ھۈجەيرىلەر قائىدە تەرتىپلەر بىلەن، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ. ھەربىر ھۈجەيرە 23 جۈپ خىروموزومىنى ئېلىپ يۈرىدۇ، خىروموزوما يەنە نەچچە مىليون ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. لېكىن، ھەرقانداق شەيئى مۇتلەق بولمايدۇ، ھەربىر قېتىم ھۈجەيرە بۆلۈنگەندە، خىروموزوما ئۆزلۈكىدىن نۇسخىلانغاندا، نۇرغۇن قېتىملاپ خاتالىق كۆرۈلۈش پۇرسىتى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى «خاتالىق» ئورگانىزم تەرىپىدىن ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئەمما، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش جەريانىمۇ بەزى مەسىلەن، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ، نۇر، خىمىيەلىك راك پەيدا قىلغۇچى دورىلار قاتارلىقلار «كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچىلەر» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرايدۇ، بۇ «كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچىلەر»نىڭ «كۈشكۈرتۈشى» نەتىجىسىدە، بىر ياكى بىر قانچە گېندە ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل «ئاسىي» گېننى ئېلىپ يۈرگەن ھۈجەيرىلەر دەل «راك ھۈجەيرىلىرى» دۇر.

092001511455800000029482

بىز دەۋاتقان راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ «كۈشكۈرتۈكۈچى» ئامىللار ئومۇملاشتۇرۇپ راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ روھىي ئامىل، ئىرسىيەت ئامىلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، بەزى خىمىيەلىك ماددىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

092001530628300000029482

2. تۆت چوڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان راك كېسىلىدىن ھوشيار بولۇش

1. ئۆپكە راكى

ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: بەلغەم قان ئارىلاش كېلىدۇ.

ئۆپكە راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى: باشقا بىئارامسىزلىق يوق ئەھۋالدا بەلغەم تۈكۈرۈش. ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت يۆتىلىش، زۇكام، قىزىش قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئارىلاپ يۆتىلىش، قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇش، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆپكىنى CTدا تەكشۈرتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

092001531437400000029482

2. ئاشقازان راكى

ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: ئاشقازان ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىز پۇراش.

ئاشقازان راكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى يۇقىرى قورساق ئاغرىش بولۇپ، دەسلىپىدە كۆپىنچە قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى كۆپۈپ، تاماقتىن كېيىن تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان راكىدا يەنە ئىشتىھاسىزلىق، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

40 ياشتىن يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىنى ھەر 2 ~ 3 يىلدا بىر قېتىم ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈتۈپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

092001532087400000029482

3. جىگەر راكى

ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: ماغدۇرسىزلىنىپ قورساق كۆپۈش، تېرە سارغىيىپ كېتىش، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ، جىگەر ئالقىنى پەيدا بولۇش. جىگەر راكى بىمارلىرىدا چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، تۆۋەن قىزىتما، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى جىددىي تۆۋەنلەش (بولۇپمۇ بىر ئاي ئىچىدە 10 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئورۇقلاش) قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

خەتەرلىك كىشىلەر توپى ۋە يېشى 40 ياشتىن ئاشقانلارنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم جىگەرنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈتۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر نورمالسىزلىق بايقالسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا CT ياكى ماگنىتلىق رېزونانس تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

092001532650200000029482

4. ئۈچەي راكى

ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: ئۇزاق مۇددەت قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، قورساق ئاغرىش.

ئۈچەي راكى بىمارلىرىنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى ۋە چوڭ تەرەت خۇسۇسىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، چوڭ تەرەت قىلىش قانۇنىيەتلىك بولماسلىق، دائىم ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئىچى سۈرۈش بىلەن قەۋزىيەت ئالمىشىپ پەيدا بولىدۇ.

40 ياشتىن يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم ئۈچەي يولى ئەينىكىدە تەكشۈرۈتۈپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى