يۇقىرى قان بىسم

ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن ئۇزۇن يىللىق يۇقىرى قان بېسىم بىمارى تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ياشلاردەك ساغلام، تېتىك؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەتراپىمىزدا يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار ئاز ئەمەس، ھەتتا ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەنمۇ بىر يۇقىرى قان بېسىم بىمارى، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ بىر يۈرۈش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەجرىبىسى بار بولغاچقا ھازىرغىچە ياشلاردەك تېتىك، ساغلام تۇرماقتا.

091920211252200000015581

1. يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «باش جىنايەتچى» زادى نېمە؟

بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر يۇقىرى قان بېسىمغا نىسبەتەن ناتونۇش ئەمەس، كۆپ ساندىكى كىشىلەر دوختۇرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، يۇقىرى قان بېسىم تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ باش جىنايەتچىسى تۇز ئەمەس، بەلكى تۇز تەركىبىدىكى ناترىيدىن ئىبارەت.

ئادەم بەدىنى ناترىينى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆرلەپ، ئوسموس بېسىمىمۇ يۇقىرىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان تومۇر دىۋارىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىمنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكى، مېڭە قان نوكچىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

091920212361600000015581

2. قان بېسىمى يۇقىرى بولسا، چوقۇم يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولامدۇ؟

ئۇنداق ئەمەس، يۇقىرى قان بېسىمغا بولغان ئېنىقلىمىسى بولسا، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، قىسقىرىش بېسىمى (يۈرەك قىسقىرىغان چاغدىكى قان تومۇرلاردىكى قاننىڭ بېسىمى) 140mmHgدىن يۇقىرى بولسا ياكى كېڭىيىش بېسىمى (يۈرەك كېڭەيگەن چاغدىكى قان تومۇرلاردىكى قاننىڭ بېسىمى) 90mmHgدىن يۇقىرى بولسا ھەمدە بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئۆلچىگەندە، يۇقىرىقى سانلىق قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرگەن ھامان، دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ۋاقتىدا دورا بىلەن داۋالاش ھەمدە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىش كېرەك.

091920214520700000015581

3. ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ بەش تۈرلۈك قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش چارىسى قايسىلار؟

روھلۇق، تېتىك كۆرۈنىدىغان ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەنمۇ يۇقىرى قان بېسىم بىمارى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان، ئەمما ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىنمۇ ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەجرىبىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

091920220690900000015581

(1) دورا يېيىش

يۇقىرى قان بېسىم دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش كېرەك، بۇ ئەڭ ھالقىلىق ، ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا، يۇقىرى قان بېسىمنى ۋاقتىدا كونترول قىلغاندىلا، ئاندىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەنمۇ دورا يېيىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاچقا، قان بېسىمىنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلغان، ئۇ ھازىر 80 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى روھلۇق، تېتىك كۆرۈنىدۇ.

091920221753700000015581

(2) ھەرىكەت

ھەرىكەتنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى بەك كۆپ بولۇپ، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ كەلگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ساغلاملىققا نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

091920224919300000015581

(3) يېمەك-ئىچمەك

ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن ئۆزىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش تەجرىبىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ساغلام يېمەك-ئىچمەككە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، ئىمكانقەدەر بەك تويۇپ كەتمەسلىك، ماي مىقدارى، تۇز مىقدارى، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەك پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

091920232146900000015581

(4) ئۇيقۇ

يېتەرلىك ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىشىغا ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن خىزمەت ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئەزەلدىن تۈنىمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، يېتەرلىك ئۇيقۇنىڭ بەدەننى جانلاندۇرۇپ، روھلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن.

091920234666700000015581

(5) بېسىم تۆۋەنلىتىش

تاماق يېيىش، ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ۋاقتىدا دورا يېيىشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن ھەر كۈنى خىزمەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭقۇر نەپەسلىنىپ، نەپەس بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىپلا قالماستىن، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

091920235694300000015581

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمىنى ياخشى كونترول قىلالماسلىقى ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يېمەك- ئىچمەكتە ماي، تۇز مىقدارى يۇقىرى بولسا ناھايىتى ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىر قېتىملىق قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يۇقىرى قان بېسىمغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس، ئادەتتە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئۆلچىگەندە ئۆلچەملىك قىممەتتىن ئېشىپ كەتسە ئاندىن يۇقىرى قان بېسىم دەپ بېكىتىلىدۇ.

قان بېسىمى يۇقىرى بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەجرىبىسى ئىنتايىن ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ۋاقتىدا دورا ئىچىش، ھەرىكەت قىلىش، يېمەك-ئىچمىكى مايسىز بولۇش، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولۇش، بېسىمنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى