ساغلاملىق بىلىملىرى

چىرايدىكى قورۇقتىن بەدەندىكى كېسەللىكلەرنى بىلگىلى بولامدۇ؟

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

092018582892100000013445

ئادەتتە ئادەمنىڭ بۇرنى، كۆزى، كالپۇكى ۋە چىرايىغا قاراپ ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ چىرايدىكى قورۇقلارنىڭ ئورنىغا قاراپمۇ بەدەننىڭ قايسى قىسمىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

1. پىشانىدىكى قورۇق

پىشانىدىكى قورۇقتىن ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى-ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، كۆپ ساندىكى پىشانىسىدە قورۇق كۆپىيىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ناھايىتى ناچار بولىدۇ، بۇ تۈردىكى كىشىلەر تۈنىمەسلىكى، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

2. كالپۇكنىڭ يېنىدىكى قورۇق

كالپۇكنىڭ يېنىدا قورۇق پەيدا بولسا جىگەر ۋە ئۆتنىڭ يۈكى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كېچە جىگەر زەھەر تازىلايدىغان ۋاقىت، ئەگەر كېچىسى تۈنىگەندە جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىپ، جىگەر ياللۇغى، جىگەر راكى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، چۈچىمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش لازىم.

092018585084100000013445

3. قاشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قورۇق

كىشىلەر مەسىلە ئويلىشىۋاتقاندا ياكى ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىسدا قورۇق پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بېسىمى زىيادە ئېشىپ كەتكەندە ياكى زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەندىمۇ قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قورۇق پەيدا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ھەر كۈنى بىر ئۇچۇم ئۈرۈك مېغىزى يېيىشى لازىم، شۇنداق قىلغاندا جىددىي كەيپىياتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

4. كۆزنىڭ قۇيرۇقىدىكى قورۇق

كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قورۇق پەيدا بولسا بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر بۆرەكنى ئاسرىشى كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، چىلان، ئالىقات قاتارلىق بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش لازىم.

5. بۇرۇندىكى قورۇق

بۇرۇندىكى قورۇق قانچە كۆپ، قانچە قۇيۇق بولسا يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە سەكتە بولۇپ قېلىش، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا قەرەللىك ئەينەككە قاراپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن خاتىرجەم بولالمىسا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى