
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھامىلىدار بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئاكتىپلىق بىلەن بالا ئېلىشقا تەييارلىق قىلسىمۇ، لېكىن ھامىلىدار بولۇشى بەكلا تەسكە ئوخشايدۇ، ھەتتا سۈنئىي ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپمۇ ھامىلىدار بولالمايدۇ، بىر مەزگىل سىناپ بېقىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، تەبىئىيلا ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ.
ھازىرقى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بېسىمى ناھايىتى يۇقىرى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ شۇنداق، خىزمەت بېسىمىدىن باشقا، ئائىلە، قاتناش ۋە بالىلىق بولۇش بېسىمى قاتارلىقلار ئۇنى ناھايىتى قىيناپ قويىدۇ، بۇ كۆپ خىل بېسىملار بىرلەشكەندە ئادەمنىڭ ئۆزىنى قويۇۋېتىشى تەسكە توختايدۇ، ھەتتا ئۇيقۇسى قېچىپ، بەدىنى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىق ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ. بېسىم بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار، مىكرو ئېلېمىنىتلارنى خورىتىۋېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
ئەگەر ھامىلىدار بولۇشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندىن باشقا يەنە ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويىۋېتىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلام قورساق كۆتۈرگىلى بولىدۇ.