ساغلاملىق بىلىملىرى

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش بىر خىل تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان كېسەللىك، گەرچە ئاغرىق سېزىمى ئۇنچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن نورمال خىزمەت ياكى ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ دائىم باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا، بىماردا ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا بىز باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ باقايلى.

092103163658100017234601

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟
1. يېمەك-ئىچمەك
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە يېمەك-ئىچمەك بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ دائىم شاكىلات يەيدىغان كىشىلەردە باش ئاغرىقى قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شاكىلات تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت، ئىسسىقلىق بولۇپ، مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىغا ئاسانلا تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا يەنە تىرامىن (酪胺) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاكتىپ كىسلاتا (活性酸) بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ، نېرۋىنى زەخىملەندۈرىدۇ ھەم ئەڭ ئاخىرىدا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ.

092103175311400017234601

2. ئىرسىيەت
سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بولىدىكەن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ خالىغان بىرىدە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئەھۋالى بولسا، بالىدىمۇ بۇ ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
3. روھىي ئامىل
ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتتا تۇرۇش ۋە تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە نېرۋىنى غىدىقلايدۇ. گەرچە بۇ خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئالامەتلىرى ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما تۇيۇقسىز سوغۇق ھاۋا، شاۋقۇن قاتارلىق تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئاغرىق تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىدۇ.

092103184966300017234601

4. كېسەللىك ئامىلى
بەزى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىنمۇ ئاسانلا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك، بويۇن كېسەللىكلىرى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا باش نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا رېفلېكسلىق خاراكتېرلىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. مېتابولىزم
ئەگەر ئادەمنىڭ ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئاستىلىسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىپ قىسمەن نېرۋىغا داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا نېرۋا نېكروزلىنىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان شېكىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە ئاسانلا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن.
6. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش
ئەگەر ئۇيقۇ مۇھىتى بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ كەتسە، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، بۇنداق بولغاندا مېڭگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

092103193820000017234601

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش مەسىلىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
1. ئۇۋۇلاش
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش تۇيۇقسىز قوزغالغاندا، بىمار چېكىسىنى ئۇۋۇلاپ، ئىككى قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن چېكىسىنى ئايلاندۇرۇپ بېسىپ، ئالدى بىلەن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە 7 ~ 8 قېتىم، ئاندىن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ قارشى يۆنىلىشى بويىچە 7 ~ 8 قېتىم ئۇۋۇلاپ، نەچچە قېتىم تەكرارلىسا، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى يېنىكلەيدۇ.
2. قولنى ئىلمان سۇغا چىلاش
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى پەسەيتىش ئۇسۇلى يەنە قولنى ئىسسىق سۇغا چىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىراق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى، تەخمىنەن 50 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، ئون نەچچە مىنۇت چىلىغاندا، قولدىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىپ، بىئاراملىق تۇيغۇسىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى