
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، سۈت بېزى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلىرىنىڭ سانى توختىماستىن كۆپەيدى، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، %70-%50كىچە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولۇش كېسىلى بار ئىكەن، ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاياللار ئۆزىدە سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ سۈت بېزى راكىغا ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇنى زىيادە يۇقىرىلاپ كەتكەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى، ئوخشىمىغان سۈپەتلىك سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ياشتىكى ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولغاندىكى ئالامەتلەرمۇ ئوخشاشمايدۇ، ياش، بالىلىق بولمىغان ئاياللاردا ئاساسلىقى سۈت بېزى قەرەللىك ئاغرىش، كۆكسىنىڭ ئىككى تەرىپى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئاغرىش ئالامىتى ئېغىرلىشىدۇ، ھەيز مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاغرىقمۇ پەسىيىدۇ. ياشقا چوڭ، ھەيز توختىغان ئاياللاردا بولسا كۆكسى كۆيىشىپ ئاغرىش، ئىسلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
سۈت بېزى ئۆسۈكچىسىنى دورا ئارقىلىق داۋالىغىلى بولامدۇ؟
سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى ئاستا خارەكتېرلىك ئىچكى ئاجراتما بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك بولۇپ، ئۆسۈكچىگە ۋە ئاغرىققا قارىتا دورا بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ، لېكىن سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولۇش پىسخىكا خارەكتېرلىك كېسەللىككىمۇ تەۋە بولۇپ، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ سۈت بېزى ئۆسۈكچىسىنى پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر بۇ خىل پىسخىكىلىق ئامىللارنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، پەقەتلا دورا ئارقىلىق داۋالىغاندا ئۈنۈمى يوق دېيەرلىك بولىدۇ.
سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى سۈت بېزى راكىغا ئۆزگىرەمدۇ؟
ئەگەر سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى دەپ دىياگنوز قويۇلسا زىيادە جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولۇش بىلەن سۈت بېزى راكىنىڭ تۈپتىن پەرقى بار، سۈت بېزى ئۆسۈكچىسىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى پەقەتلا %0.1 بولىدۇ. سۈت بېزى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولغاندا ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى ئايرىپ، ۋاقتىدا داۋالانسىلا كۇپايە.
سۈت بېزى ئۆسۈكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
ئاياللار ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، كەيپىياتىنى ياخشىلاش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش، زىيادە جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق كەيپىياتلاردىن ساقلىنىش، ھەر ئايدا بىر قېتىم كۆكرىكىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، قەرەللىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنى ئادەت قىلىش لازىم.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )