ساغلاملىق بىلىملىرى

جىگەر راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە چاتاق!

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاشقازان بىئارام بولسا بەدەندە ئاغرىش ئالامىتى كۆرىلىدۇ، ئەمما جىگەردە مەسىلە كۆرۈلسە، بەدەن ئاغرىقنى ھېس قىلالمايدۇ، چۈنكى جىگەردە ئاغرىق سەزگۈچى نېرۋا بولمايدۇ، شۇڭا جىگەردە دەسلەپكى مەزگىلدە مەسىلە بايقالمايدۇ. ئادەتتە جىگەردە مەسىلە بارلىقىنى تەكشۈرگەندە ئەھۋال ناھايىتى ئېغىرلاشقان بولىدۇ

ئادەم بەدىنىدىكى زەھەر قايتۇرۇش ۋە مېتابولىزم پۈتۈنلەي جىگەرگە تايىنىدۇ، ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى سۈمۈرگەن ھەر خىل ماددىلار، ياخشى ياكى يامان نەرسىلەر، مەيلى ئادەم بەدىنىگە پايدىسى بار ياكى كېرىكى يوق بولسۇن، ھەممىسى جىگەرنىڭ پارچىلىشى ۋە زەھەر تازىلىشىغا موھتاج، شۇڭا جىگەرنىڭ مۇھىملىقىغا ئارتۇق گەپ كەتمەيدۇ.

092122371586800004332704

جىگەر ياخشى بولمىسا، بەدەندە «ئىككى سېرىق، بىر قىزىل» پەيدا بولىدۇ.

1. تېرە تۇتۇق، سېرىق، نۇرسىز بولۇش

تېرە رەڭگىنى ئاسان كۆزەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر بىر كۈن كېچىچە ئۇخلىمىسىڭىز، يۈزىڭىزگە قاراپ دەرھاللا بىلگىلى بولىدۇ . ئەگەر بىر ئادەمنىڭ يۈزى تۇتۇق، نۇرسىز، قان رەڭگى يوق، سارغىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ جىگەرنىڭ «ئىش تاشلىغانلىقى»نى، جىگەرگە توكسىن يىغىلىپ قالغان بولىدۇ.

2. كۆز ئېقى ساغىرىش

جىگەر ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە بىلىرۇبىن بولۇپ، قاندىكى بۇ خىل پىگمېنت زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، سېرىقلىق چۈشۈپ، كۆز ئېقى سارغىيىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغى ياكى ئۆت ئۇيۇش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىدا كۆرۈلىدۇ.

092122483154700004332704

3. ئالىقان قىزىرىش

نورمال ئەھۋالدا ئالىقان گۆش رەڭگىدە ھالرەڭ بولىدۇ، بۇ ساغلاملىقنىڭ رەڭگى. ئەگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى بولسا، جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئالىقىنىدا قىزىل داغلار بولىدۇ، ھەتتا ئالىقىنىدا قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ پەيدا بولىدۇ.

بەدەندە تۆت خىل سىگنال كۆرۈلسە، جىگەر راكىنىڭ «ئىزدەپ كېلىشى»دىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

1. پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە چۈشىدۇ

دائىم چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ياداش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەش، جىگەر راكى بىمارلىرىدا دائىم شۇنداق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

2. قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش

بۇ بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەسلىك، بىر نەرسە يېگەندە دائىم قورسىقى كۆپۈپ بىئارام بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى دائىم كۆرۈلىدۇ.

092123000387100004332704

3. داۋاملىق قىزىش

ئادەتتە تۆۋەن قىزىتما داۋاملىشىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.5-38 گىرادۇس ئارىلىقىدا، بەزىدە 39 گىرادۇسقا چىقىدۇ. جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ قىزىشى بەلكىم جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ نېكروزلىنىشىدىن كېلىپ چىققان يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

4. ھەر خىل قاناش ئالامەتلىرى

بۇرۇن قاناش، چىش مىلىكى قاناش، تېرە قاناش قاتارلىق روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، چۈنكى جىگەر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، جىگەردە قان ئۇيۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ

جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك:

1. ھاراق تاشلاش

2. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك

3. ئاز ئاچچىقلىنىش


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى