
ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
1. بەل مۇسكۇلى زورۇقۇش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا زىيادە چارچاش ياكى دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ ئۆرە تۇرۇش ياكى ئۇزۇن مۇددەت بېلىنى ئېگىپ ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش، ياخشى ئارام ئالماسلىق سەۋەبىدىن بەل ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
2. ئاياللار كېسەللىكىدىكى بەزى ياللۇغلار، مەسىلەن، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى قاتارلىقلار.
3. بۆرەك ياكى سۈيدۈك نەيچىسى قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىقلار.
4. بەل ئومۇرتقىسىدىكى مەسىلىلەر، مەسىلەن، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، بەل ئومۇرتقىسىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )